سادىر پالۋان ھەققىدە رىۋايەت
ئەپسانىلار
بۇ رىۋايەت ي. مۇخلىس يازغان «سادىر پالۋان ھەققىدە قىسسە» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى.
سادىر تۇغۇلۇشى ھامان «ئىڭە» دەپ يىغلاش ئورنىغا، قارچۇغا كۆزىنى يوغان ئېچىپ، تۇغۇت ئانىسىغا قاراپ «پىسسىڭ» ڭىدە كۈلۈپتۇ. بۇ ھالنى كۆرگەن دادىسى خوشئەھمەت: «ئەجابا، بالا دۇنياغا كۆز ئېچىشى بىلە تەڭ يىغلاپ تۇغۇلاتتى. مېنىڭ بۇ بالامدا نېمە خىسلەت باردۇر؟ يىغلاش ئورنىغا كۈلۈۋاتىدىغۇ؟» دەپ ھەيران قاپتۇ. شۇندا يۇرت ئاقساقاللىرى: «بۇمۇ خۇدانىڭ كارامىتى، بالاڭنىڭ پىشانىسىگە ئۆمۈر بويى زادى يىغلىمايدىغان رۇستەمدەك باتۇرلۇق پۈتۈلۈپتۇ.» دەپ خۇشال بولۇشۇپتۇ. دەرۋەقە، سادىر ئون بەش يېشىدىن باشلاپلا ھېچنىمىدىن قورقمايدىغان، جاسارەتلىك پالۋان بولۇپ يېتىلىپتۇ ۋە ئەل ئارىسىدا «پالۋان» دېگەن نام بىلەن داڭ كۆتىرىپتۇ. بېشىغا ھەر قانچە ئېغىر كۈنلەر كەلىسمۇ، دۈشمەنلەر ھەر قانچە قىيناپ ئازاپلىسىمۇ زادى زارلانمايدىكەن. شۇنداق قىلىپ، ئۇ پۈتۈن ئۆمرىدە بىر قېتىممۇ يىغلاپ كۆز يېشى قىلمىغانىكەن.