مۆچەل ھەققىدىكى ئەپسانە
ئەپسانىلار
بۇ ئەپسانە مەھمۇت قەشقەرىنىڭ «تۈركى تىللار دىۋانى» ناملىق كىتابدىن ئېلىندى.
تۈرك خاقانلىرىدىن بىرى ئۆزىدىن بىر نەچچە يىل ئىلگىرى بولۇپ ئۆتكەن بىر ئۇرۇشنى ئۆگەنمەكچى بولغان ئىكەن. بۇنىڭدا ئۇ شۇ ئۇرۇش بولۇپ ئۆتكەن يىلنى ئېنىقلاشتا خاتالىشىپتۇ. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن بۇ خاقان ئۆز خەلقى بىلەن كېڭەش ئۆتكۈزۈپ، قۇرۇلتايدا: «بىز بۇ تارىخنى ئېنىقلاشتا قانداق خاتالاشقان بولساق، بىزنىڭ كېلەچەك ئەۋلادلىرىمىزمۇ شۇنداق خاتالىشىدۇ. شۇڭا بىز ئون ئىككى ئاي ۋە ئاسماننىڭ بۇرجىغا ئاساسلىنىپ، ھەربىر يىلغا بىر ئات قويايلى، بىزدىن كېيىن يىل ھېسابى شۇ يىللارنىڭ ئايلىنىشى بىلەن ھېسابلانسۇن، بۇ ئارىمىزدا مەڭگۈ بىر يادىكارلىق بولۇپ قالسۇن» دەپتۇ. خەلق خاقاننىڭ بۇ پىكرىنى «شۇنداق بولسۇن» دەپ ماقۇللاپتۇ. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن خاقان ئوۋغا چىقىپتۇ ۋە ھەممە ياۋا ھايۋانلارنى ئىلى دەرياسىغا قاراپ قۇغلاشنى بۇيرۇپتۇ. بۇ ناھايىتى چوڭ بىر دەريا ئىكەن، خەلق بۇ ھايۋانلارنى ئوۋلاپ يۈرۈپ، ئىلى دەرياسىغا قاراپ ھەيدەپتۇ. بىر مۇنچە ھايۋانلار ئۆزلىرىنى سۇغا ئېتىپتۇ. ئۇلاردىن ئۇن ئىككى خىل سۇدىن ئۈزۈپتۇ. ئەنە شۇ ئون ئىككى ھايۋاننىڭ ئىسمى ئون ئىككى ئايغا ئات قىلىپ قويۇپتۇ. سۇدىن ئەڭ ئاۋال چاشقان ئۆتۈپتۇ. شۇڭا يىل بېشى شۇنىڭ نامى بىلەن ئاتىلىپ «چاشقان يىلى» دېيىلىدىكەن. ئۇنىڭدىن كېيىن سۇدىن ئۆتكەنلەر تۆۋەندىكى تەرتىپ بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەر بىرى بىر يىل ئۈچۈن ئىسىم بولۇپ قاپتۇ: ئۇي يىل (كالا يىلى)، بارىس يىلى (يولۋاس يىل)، توشقان يىلى، لەھەڭ يىلى (تىمساق يىلى)، يىلان يىلى، ئات يىلى، قوي يىلى، مايمۇن يىلى، توخو يىلى، ئىت يىلى، توڭگۈز يىلى.
توڭگۇز يىلغا يەتكەندىن كېيىن، ھېساب يەنە چاشقان يىلىدىن قايتا باشلىنىدىكەن.
تۈركلەر بۇ يىللارنىڭ ھەربىرىدە بىر خاسىيەت بار دەپ تەخمىن قىپتۇ. مەسىلەن، ئۇلارنىڭ قارىشىچە كالا يىلى كىرگەندە ئۇرۇش كۆپىيىدىكەن. چۈنكى كالا بىر - بىرى بىلەن كۆپ ئۈسۈشىدىغان ھايۋان. توخۇ يىلى كىرسە ئوزۇق _تۈلۈك كۆپىيىدىكەن، لېكىن كىشىلەر ئارىسىدا تەشۋىش ئاشىدىكەن، چۈنكى توخۇنىڭ يېمى دان، توخۇ داننى تېپىش ئۈچۈن ئەخلەت - چاۋىلارنى تاتىلاپ چېچىۋېتىدىكەن، لەھەڭ يىل كىرىش بىلەن ھۆل _ يېغىن كۆپىيىپ، ئاشلىق ئوخشايدىكەن، چۈنكى لەھەڭ سۇدا ياشايدۇ. توڭگۇز يىلى كىرىش بىلەن قار كۆپ ياغىدىكەن، سوغۇق قاتتىق بولىدىكەن، پىتنە - پاسات كۆپىيىدىكەن ۋاھاكازا...