قالاچ ئەپسانىسى
ئەپسانىلار
بۇ ئەپسانە دوكتور ۋەلىدىن توغاننىڭ تەرجىمە نۇسخىسىدىن ئېلىندى.
ئوغۇزخان ئۆز يۇرتىغا قايتىماقچى بولۇپ ماڭغاندا يولدا مۇنداق بىر ۋەقە بوپتۇ. بىر ھامىلىدار ياش ئايال ئوغۇل تۇغۇپتۇ. يەيدىغان ھېچنەرسىسى يوق ئاچ قاپتۇ. بالىسى ئەمگۈدەك سۈتمۇ يوقىكەن. ئىككى - ئۈچ كۈندىن كېيىن تۇيۇقسىز بىر قىرغاۋۇلنى چىشلەپ كېتىۋاتقان تۈلكىنى كۆرۈپ قاپتۇ. بۇ ئايالنىڭ ئېرى تۈلكىنى چوماق بىلەن ئۇرغانىكەن. تۈلكە قىرغاۋۇلنى تاشلاپ قېچىپتۇ. ئايالنىڭ ئېرى قىرغاۋۇلنى يۇڭداپ، تازىلاپ پىشۇرۇپتۇ _ دە: «مانا بۇنى يېسەڭ، سۈتۈڭ كېلىپ بالىنى ئېمىتەلەيسەن» دەپ خوتۇنىغا بېرىپتۇ. بىر قانچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن ئوغۇزنىڭ ئارقىسىدىن يېتىشىۋېلىپ، ئۇنىڭ ھوزۇرۇغا كەلسە، ئوغۇز: «نەدە ئىدىڭ؟ يولدا نېمە ئۈچۈن ئارقىدا قالدىڭ؟» دەپ سوراقلارپتۇ. ئۇ ئادەم ئېغىر بوي خوتۇننىڭ يولدا تۇيۇقسىز يەڭگىپ قېلىپ كېچىكىپ قالغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. ئوغۇز ئۇنىڭ سۆزىگە ئىشەنمەي: «خوتۇنۇم تۇغدى دەپ سەپتىن قالامسەن؟ ئۇنداق بولسا مۇشۇ يەردە قال» دەپ، ئۇنىڭغا ئازاپ بېرىپ، تۈركچە «قال ئاچ» دەپ ۋارقىراپتۇ. بۇ سۆز ئۇنىڭ نامى بولۇپ قاپتۇ. بۇ سۆزنىڭ مەنىسى «سەن ئاچ بولغاندىكىن ئارقىدا قال» ئىكەن. ئوغۇزنىڭ بويرۇغى بىلەن بۇ ئەر - خوتۇن شۇ يەردە قاپتۇ. زامانلارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بۇ ئىسىم «قالاچ» بولۇپ ئۆزگىرىپ، بىر قەبىلىنىڭ نامى بولۇپ قالغانىكەن. بۇ قەبىلە ئاشۇ شەخسنىڭ ئەۋلادلىرى ئىكەن.