«كۆچ» ئەپسانىسى
ئەپسانىلار
بۇ ئەپسانە ئىستامبۇلدا نەشر قىلىنغان «بۈيۈك تۈرك تارىخى» دېگەن كىتابتىن ئېلىندى.
ئارىدىن ئۇزۇن زامانلار ئۆتۈپتۇ. بىر كۈنى ئۇيغۇر خانلىق تەختىگە يېڭى بىر ھۆكۈمدار ئولتۇرۇپتۇ. بۇ ھۆكۈمدار چىنلار بىرلەپ بولغان داۋاملىق ئۇرۇشلارغا خاتىمە بېرىش ئۈچۈن ئوغلى گالى تېكىنگە جىن لەن ناملىق چىن خانىكەسىنى ئېلىپ بېرىشنى ئويلاپتۇ. بۇ خانىكە ئۆزىنىڭ سارىيىنى خاتۇن تېغىدا قۇرۇپتۇ. ئۇ ئەتراپتا تاڭرىتاغ ناملىق باشقا بىر تاغ ۋە ئۇنىڭ جەنۇبىدا قۇتلۇق تاغ ناملىق يارلىق بار ئىكەن. چىن ئەلچىلىرى خانىكەنى ئېلىپ، مەھرەملەر بىلەن بىرگە كېلىشىپتۇ. ھەمدە ئۇلار بۇ خانىكەنىڭ بەدىلىگە خاتۇن تېغىنىڭ سائادىتى بولغان بۇ يارلىق مۇقەددەس تاشنى تەلەپ قىلىشپتۇ. يېڭى ئۇيغۇر ھۆكۈمدار ئۇلارنىڭ تەلىپىنى قۇبۇل كۆرۈپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بەخت _ سائادىتى ۋە بىر پۈتۈنلۈكىنىڭ سىمۋوى بولغان بۇ تىلسىملىق مۇقەددەس يارلىق تاشنى بېرىپتۇ. بۇ تاش ئاسانلىقچە كۆتەرگىلى بولمايدىغان دەرىجىدە چوڭ ئىكەن. ئۇنى يۆتكەش ئۈچۈن چىنلىقلار بۇ يارلىقنىڭ ئەتراپىغا ئوتۇن دۆۋىلەپ ئوت يېقىپتۇ. تاشنى ئوبدان قىزىتقاندىن كېيىن ئۈستىگە ئۆتكۈر سىركە چېچىپتۇ، پارچىلارنغان تاشلارنى ھارىۋىغا سېلىپ چىنغا ئېلىپ كېتىپتۇ.
بۇ ۋەقە ناھايىتى چوڭ تەسىر پەيدا قىپتۇ. ئۇيغۇر ئېلىدىكى پۈتۈن ئۇچار قۇشلار، ھايۋاناتلار ئۆز تىللىرى بىلەن بۇ يارلىقنىڭ قولىدىن كېتىشىگە ماتەم تۇتۇپ يىغلىشىپتۇ. شۇندىن يەتتە كۈن كېيىن تېكىن ئۆلۈپتۇ. ئۇيغۇر ئېلىنى پالاكەت بېسىپتۇ، خەلقى راھەت، ھوزۇر بەركەت يۈزى كۆرمەپتۇ. ئۇيغۇر ھۆكۈمدارلىرى بىرىنىڭ ئارقىسىدىن بىرى دېگۈدەك ئۆلۈپتۇ.
ئاقىۋەت بۆكۈ قاغاننىڭ بالىلىرىدىن بىرى ھۆكۈمدار بوپتۇ. ئۇنىڭ زامانىدا ئۇيغۇر ئېلىدە پۈتۈن ھايۋاناتلارنىڭ، پۈتۈن قۇشلارنىڭ، ھەتتا پۈتۈن بوۋاقلارنىڭ ھاياجان بىلەن «كۆچ! كۆچ!» دەپ ۋارقىرىغان ئاۋازى ئاڭلىنىپتۇ. ئۇيغۇرلار تەڭرىدىن كەلگەن بۇ ئىشارەت بىلەن يۇرتلىرىنى تاشلاپ كۆچۈشكە باشلاپتۇ. ئۇلار قەيەردىلا تۇرايلى دېسە، شۇ جايدىن «كۆچۈڭلار!» دېگەن ئەينى ئىلاھى ئاۋازىنى ئاڭلاپتۇ. شۇنداق كۆچۈپ كېيىن بەشبالىق ئېلىگە كەلگەندە «كۆچ!» دېگەن ئاۋاز توختاپتۇ. نەتىجىدە ئۇيغۇرلار بۇ يەرگە ماكانلىشىپتۇ.. بەشبالىق شەھىرىنى ئاۋات قىلىپ، كۈچلۈك بىر ئۇيغۇر دۆلىتىنى مەيدانغا كەلتۈرۈپتۇ.