كىيۇمارىس ھەققىدىكى ئەپسانە
ئەپسانىلار
بۇ ئەپسانە «ئۆزبىڭ ئەدەبىيات تارىخى» دېگەن كىتابتىن ئېلىندى. تاشكەنت 1977 - يىل نەشىرى.
ئاخراماننىڭ يامان قىلمىشلىرىدىن ھەيرەتتە قالغان تەڭرىنىڭ پىشانىسىدىن تەر چىقىپ كېتىپتۇ، تەرنى ئېرتىپ تەشلىغان ئىكەن، تەر تامچىسىدىن كيومارىس ئاخراماننىڭ يېنىغا يېتىپ كېلىپ، ئۇنىڭ يەلكىسىگە مىنىۋاپتۇ ۋە شۇ تەرىقىدە دۇنيانى ئايلىنىشقا باشلاپتۇ. ۋاھالەنكى، ئاخرامان بىر ھىيلە بىلەن كيۇمارىسىنى يەلكىسىدىن ئىرغىتىپ تاشلاپتۇ _ دە، ئۇنىڭ ئۈستىگە مىنىۋېلىپ، ئۇنى يەيدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ ۋە ئۇنىڭدىن: «سېنى قايسى تەرىپىڭدىن يەي؟» دەپ سوراپتۇ. «ئاياق تەرىپىمدىن، _ دەپ جاۋاب بېرىپتۇ كيۇمارىس. _ ئاخىرقى نەپسىمگىچە دۇنيانىڭ گۈزەللىكىدىن بەھرە ئېلىپ تۇراي».
ئەمما كيۇمارىس ئاخراماننىڭ ئۇنىمايدىغانلىقىنى بىلىدىكەن. دېگەندەك ئاخرامان كيۇمارىسىنى بېشى تەرەپتىن يىيىشكە باشلاپتۇ. يەپ بېلىگە يەتكەندە كيۇمارىسنىڭ ئۇرۇدىنىدىن ئىككى تال ئۇرۇق يەرگە چۈشۈپتۇ، ئۇلاردىن ئۆسۈملۈك ئۆسۈپ چىقىپتۇ. ئاشۇ ئۆسۈملۈكلەردىن بىر ئوغۇل، بىر قىز پەيدا بوپتۇ.