ئوغۇزخاننىڭ بالىلىرى ھەققىدىكى ئەپسانە
ئەپسانىلار
بۇ ئەپسانە مىللەتلەر نەشرىياتى نەشر قىلغان «ئوغۇزنامە» دېگەن كىتابتىن ئېلىندى 1980 - يىل نەشرى.
ئوغۇز خاقاننىڭ يېنىدا ئاق ساقاللىق، مۇز چاچلىق، قابىلىيەتلىك بىر قېرى كىشى بار ئىكەن. ئۇ بىلەرمەن ۋە لىللا ۋەزىر ئىكەن. ئۇنىڭ ئىسمى ئۇلۇغ تۈرك ئىكەن. كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇ چۈشىدە بىر ئالتۇن يا بىلەن ئۈچ كۈمۈش ئوق كۆرۈپتۇ. بۇ ئالتۇن يا كۈنچىقىشتىن تا شىمالنى كۆرسىتىپ تۇرۇپتۇ. ئۇيقۇدىن كېيىن، ئۇ چۈشىگە كەچكەنلىرىنى ئوغۇز خاقانغا ئېيتىپ مۇنداق دەپتۇ: «ھەي خاقانىم، ساڭا ئۇزۇن ئۆمۈر يار بولسۇن، ھەي خاقانىم، سېنىڭ ئەل - نىزامىڭغا ئادەت يار بولسۇن؛ كۆك تەڭرى چۈشۈمدە بەردى ماڭا ئىشارەت، ئىشغال قىلغان يەرلىرىنى ئۇرۇقىغا بۆلۈپ بەرسۇن دەپ.» ئوغۇز خاقان ئۇلۇغ تۈركنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، ئىنتايىن خۇرسەن بوپتۇ ھەمدە «ئېيتقىنىڭ كەلسۇن» دەپتۇ.
ئىككىنىچى كۈنى تاڭ ئاتقاندا بالىلىرىنى ئالدىغا چاقىرىپ: «ھەي (ئوغۇللىرىم)، ئوۋنى كۆڭلۈم تارتىپ تۇرىدۇ. ياشىنىپ قالغانلىقىم ئۈچۈن ئوۋغا چىقىشقا چامام يەتمەيدۇ. كۈن، ئاي، يۇلتۇز ئۈچىڭلار تاڭ ئاتار تەرەپكە بېرىڭلار. كۆك، تاغ، دېڭىز ئۈچىڭلار تۈن قاراڭغۇسى تەرەپكە بېرىڭلار» دەپتۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۈچەيلەن تاڭ ئاتار تەرەپكە، قالغان ئۈچى تۈن قاراڭغۇسى تەرەپكە كېتىپتۇ. كۈن، ئاي، يۇلتۇز نۇرغۇن ھايۋان ۋە قۇشلارنى ئوۋلاپتۇ ھەمدە يولدىن بىر ئالتۇن يانى تېپىۋاپتۇ. ئۇنى ئاتىسىغا تاپشۇرۇپ بېرىپتۇ. ئوغۇز خاقان شادلىنىپتۇ ھەمدە ئالتۇن يانى ئۈچ بۆلەككە بۆلۈپ: «ھەي ئاكىلار، بۇ يا سىلەرگە مەنسۇپ بولسۇن، سىلەر ياغا ئوخشاش ئوقنى كۆككىچە ئېتىڭلار» دەپتۇ. شۇندىن كېيىن يەنە كۆك، تاغ ۋە دېڭىز نۇرغۇن ھايۋان ۋە قۇشلارنى ئوۋلىغاندىن كېيىن يولدىن ئۈچى كۈمۈش ئوق تېپىۋاپتۇ. ھەمدە ئۇنى ئاتىسىغا تاپشۇرۇپ بېرىپتۇ. ئوغۇز خاقانى شادلىنىپتۇ ھەمدە ئوقلارنى ئۈچىگە بۆلۈپ بېرىپتۇ ۋە: «ھەي ئىنىلەر، بۇ ئوق سىلەرگە مەنسۇپ بولسا، يا ئوقنى توغرىلايدۇ. سىلەر ئوققا ئوخشاش (ياغا بوي سۇنۇڭلار) دەپتۇ.»