«ئىككى ياراتقۇچى كۈچ» ھەققىدىكى ئەپسانە
ئەپسانىلار
بۇ ئەپسانە زەردۇشتلارنىڭ «ئاۋۇمىتا» كىتابىدا خاتىرىلەنگەن «ئۆزبېك ئاغزاكى پوئېتىك ئىجادى» دېگەن كىتابتىن ئېلىندى. تاشكەنت 1980 - يىل نەشرى.
قەدىمكى زاماندا ئىككى ياراتقۇچى كۈچ _ ياخشىلىق ۋە يامانلىق تەڭرىسى بولغان ئىمىش. ياخشى ۋە ئەزگۈلۈك تەڭرىسى ئاخرامازدا بولۇپ، ئۇ ئۆز ياردەمچىلىرى ئارقىلىق ئوت، چارۋا، مېتال، يەر، سۇ ۋە ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسىنى باشقۇرىدىكەن. ئۇنىڭغا قاراشلىق نەرسىلەر ئىنسان تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا ۋە خىزمەت قىلىشقا قارىتىلغانىكەن.
ئانگىرامەنيو (ئاخرامان) بولسا بارچە ياۋۇزلۇق ۋە يامانلىقنى باشقۇرغۇچى تەڭرى بولۇپ، ئۇ ئاخرامازداغا قارشى چىقىدىكەن ۋە ئۆزىگە قارشىلىق دىۋىلەر ياردىمىدە ئىنسانلارغا ئازاپ _ ئوقۇبەت، مۇشەققەت، كۈلپەت كەلتۈرىدىكەن. ئاخرامان زور كۈچ ۋە قۇدرەتكە ئىگە بولسىمۇ، بىراق ئاخرامازداغا ئوخشاش ھەممە نەرسىگە قادىر ۋە قابىل ئەمەس ئىكەن. شۇ سەۋەپلىك ھەر قېتىملىق ئېلىشىشتا يامانلىق كۈچى بولغان ئاخرامان، ياخشى كۈچى ئاخرامازدا ئالدىدا دائىم مەغلۇبىيەتكە ئۇچرايدىكەن، ئاخرامازدا يەنە يورۇقلۇق مەنبەسى قۇياش، ئوت بولسا قۇياشنىڭ بىر پارچىسى دەپ، بۇ ئىككىسىگە تايىنىشنى ئادەمزاتقا جىكىلەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن مىترانى قۇياش ۋە يورۇقلۇق تەڭرىسى، نەختىنى شاد - خوراملىق ۋە پاراۋانلىق تەڭرىسى، ھومانى بەخت _ تەلەي ۋە دۆلەت تەڭرىسى ئاناختا ۋە خۇيىنى سۇ تەڭرىسى، مىررىختى ئۇرۇش ۋە غەلىبە تەڭرىسى، كيۇمارىس ۋە جەمشىت (يىما) نى ياخشىلىق ۋە ئەزگۈلۈك تەڭرىسى قىلىپ بەلگىلىگەنىمىش.