UyghurWiki
UyghurWikiئاپسانىلار«ئالتۇن قان» رىۋايىتى

«ئالتۇن قان» رىۋايىتى

ئەپسانىلار بۇ رىۋايەت مەھمۇت قەشقەرىنىڭ «تۈركى تىللار دىۋانى» ناملىق كىتابىدىن ئېلىندى. زولقەرنەيىن چىنغا قاراپ ئىلگىرلىگەندە، ئۇنىڭ بىلەن ئۇرۇشۇش ئۈچۈن تۈرك (ئۇيغۇر) خاقانى ياشلاردىن تەركىب تاپقان بىر بۆلۈك ئەسكەرنى ئەۋەتىدۇ. خاقاننىڭ ۋەزىرى: «سىز زۇلقەرنەينگە ياشلارنىڭ ئەۋەتتىڭىز، ئۇلارنىڭ ئىچىدە تەجرىبىلىك، ياشانغان ئۇرۇش ماھىرلىرىدىن بىرەر ئادەمنىڭ بۇلۇشى كېرەك، ئىدى» دېگەندە، خاقان ياشانغان ۋە تەجرىبىلىك مەنىسىدىكى «ئۈگە» سۆزىنى قوللىنىپ، «ئۈگەنمۇ؟» دېگەن. ۋەزىر: «ھەئە» دەپ جاۋاب بەرگەن. شۇنىڭ بىلەن خاقان ياشانغان، سىنالغان بىر ئادەمنى ئەۋەتكەن. ئۇلار بۇ كېچىسى زۇلقەرنەيىننىڭ ئالدىنقى ئەسكەرلىرىگە ھۇجۇم قىلىپ، ئۇلارنى يەڭگەن. بىر تۈرلۈك ئەسكىرى زۇلقەرنەيىن ئەسكەرلىرىدىن بىرىنى بىر قىلىچ بىرلەنلا كىندىكىگىچە ئىككىگە بۆلۈۋەتكەن. ئۆلتۈرۈلگەن ئەسكەر تىللا سېلىنغان ھەمياننى بېلىگە ئېسىۋالغانىكەن. ئۇمۇ ئەتىگەندە تۈرك ئەسكەرلىرى قانغا مىلەنگەن تىللالارنى كۆرۈپ، بىر - بىرىدىن «بۇ نېمە؟» دەپ سوراشقاندا، ئۇلار «ئالتۇن قان» دېيىشكەن. شۇڭا شۇ جايدىكى چوڭ بىر تاغ مۇشۇ نام بىلەن ئاتالغان. ئۇيغۇر ئېلىگە يېقىن بولغان بۇ تاغنىڭ ئەتراپىدا كۆچمەن تۈرك خەلقلىرى ياشايتتى. زۇلقەرنەيىن شۇ كېچىلىك ھۇجۇمدىن كېيىن تۈرك خاقانى بىلەن سۇلھى تۈزگە
← بارلىق تېمىلار ئاپسانىلار