UyghurWiki
UyghurWikiئاپسانىلارشىراق ئەپسانىسى

شىراق ئەپسانىسى

ئەپسانىلار بۇ ئەپسانە گىرىك تارىخچىسى پولىۋىننىڭ «ھەربى ھىيلىلەر» دېگەن كىتابىدا ھېكايە قىلىنغان. شۇ ھېكايىغا ئاساسەن تۈزۈلدى. قەدىمكى زامانلادا سىر دەريا بويلىرىدا كۆچۈپ يۈرۈپ تىرىكچىلىك قىلغۇچى ساك قەبىلىلىرىنىڭ باشلىرىغا ئېغىر بىر كۈلپەت چۈشكەنىكەن. ئىراق پادىشاھى دارا ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ مۇنبەت يەرلىرىنى بېسىۋېلىش ئۈچۈن سان _ ساناقسىز ئەسكەرلىرى بىلەن ئامۇ دەرياسىدىن ئۆتكەنىكەن. ساك ئاقساقاللىرىدىن سەكسىفەر، ئامەرگە، ئاۋمىرىسىن بىر ئوتاۋدا يىغلىپ، دۈشمەننى قانداق قىلىپ يوقىتىش توغرىسىدا كېڭەش ئۆتكۈزمەكتە ئىكەن. شۇ ئاندا ئەتراپتا بىر ئادەم پەيدا بولۇپ، توپ - توغرا ئاقساقاللار ئولتۇرغان ئوتاۋ ئالدىغا كەپتۇ ۋە رۇخسەت سوراپ ئىچكىرىگە كىرىپتۇ. ئۇ شىراق ناملىق ئاددىي بىر ئات باقار چوپان ئىكەن. شىراق نېمە مەقسەتتە بۇ يەرگە كەلگىنىنى كېڭەشچىلەرگە ئېيتىپ، ئۇلارنى ھەيرەتتە قالدۇرۇپتۇ. ئۇ شۇنداق دەپتۇ: «شەرتسىز ھالدا مېنىڭ بالا _ چاقىلىرىم ۋە نەۋرىلىرىمنى بېقىش ۋە كىيىندۈرۈشنى ئۈستىڭىزگە ئالسىڭىز، مەن ئۆز جېنىمدىن كېچىپ، ھىيلە بىلەن ئىرانلىقلارنىڭ لەشكىرىنى قىرىپ تاشلايمەن.» ئاقساقاللار ئۇنىڭ ئىستىكىنى قوبۇل قىلىشىپ، قەسەميات قىپتۇ. شىراق بىردىنلا يېنىدىن ئۆتكۈر پىچىقىنى سۇغۇرۇپ، قۇلاق ۋە بۇرنىنى شارتلا كېسىپتۇ. ئەزايى _ بەدىنىنى قىيما _ چىيما قىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ گويا ئۆز ئېلىگە خىيانەت قىلغان كىشى قىياپىتىدە دۈشمەن تەرەپكە قاراپ يول ساپتۇ. دارا قېشىغا بېرىپ، شىراق ئۆز قەبىلداشلىرى ئۈستىدىن شىكايەت قىپتۇ. ئۇ دارغا شۇ تەخلىتتە سۆز قىپتۇ: «ئى شاھلار شاھىنشاھى، مەن سىزگە بولغان خەيرىخاھلىغىم ۋە دوستلۇغۇم ئۈچۈن شۇ ھالغا چۈشۈپ قالدىم. داراۋۇش ھەزرەتلىرىگە بوي سۇنايلۇق، دېگەن سۆز چىقىشى بىلەنلا ئۇلار ماڭا چاپلىشىپ رەھىمسىز سۈرەتتە قۇلاق - بۇرنۇمنى كەستى. دادىمغا يېتىپ، ئۆچ ئېلىشىمغا ياردەم بېرىڭ!» دارا شىراقنىڭ سۆزىگە ئىشىنىپتۇ، ئۇنىڭ ئەھۋالىنى كۆرۈپ ئېچىنىپتۇ. بۇنى كۆرگەن شىراق پۇرسەتنى ئۆتكۈزمەي، دارانىڭ ساكلاردىن ئۆچ ئېلىشقا تەييارلىقىنى بىلىپ، سۇنماس ئاتش ۋە مۇقەددەس سۇ نامىدىن ئانت ئىچىپتۇ ۋە دەپتۇ: «مەن دۈشمەنلىرىمدىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن يارىدىمىڭىزلەرگە مۈھتاجمەن. ئۇلارنىڭ قانلىرى كۆز ئالدىمدا دەريا - دەريا بولۇپ ئاقىمىغۇچە تىنجىمايمەن. ساكلار شۇ بۈگۈن كېچىدىن باشلاپ ئوتاۋلىرىنى بۇزۇپ، بالا - چاقىلىرى بىلەن سىزلەر قوغلاپ يېتەلمەيدىغان ئۇزاق جايغا كۆچۈپ كېتىشكەن جەزم قىلغان ئىدى. ئەگەر خالىسىڭىز، مەن سىزلەرنى كېسىپ چىقىدىغان يول بىلەن ئۇلارنىڭ ئالدىدىن ئېلىپ چىقىمەن. شۇندا بەڭۋاش ساكلارنىڭ يولىنى توسۇپ تۇرساق، ئۇلار كېلىشى بىلەنلا تورغا چۈشكەن بېلىقتەك بىرىنىمۇ قويماي تۇتۇۋالىمىز. كەمىنە قۇلىڭىز پادىچىلىق قىلغىنىدا يىلقىلارنى بېقىپ يۈرۈپ ھەممە ياقنى ئىگىز _ پەسلىرىگىچە بىلىۋالغانمەن. سىزنى خالىغان يېرىڭىزگە باشلاپ بېرىش بىمالال قولۇمدىن كېلىدۇ. بىراق، سىز يەتتە كۈنگە يېتىدىغان ئوزۇق _ تۈلۈك ۋە سۇ تەييارلاپ قويۇشىڭىز شەرت.» چوپاننىڭ بۇ سۆزلىرى ئاسانلا غەلىبە قىلىشنى ئىزدىگەن دۈشمەننى غەيرەتكە كەلتۈرۈپتۇ. داررا بۇ چوپاننى ئۆز قوشۇنىغا يولباشچى قىلىپ تەيىنلەپتۇ. قوشۇن يەتتە كۈنلۈك سۇ، ئورۇق _ تۈلۈك ۋە يەم _ خەشەك ئېلىپ، ئاتلىنىپ يولغا چىقىپتۇ. بىرىنچى كۈنى يول يامان بولماپتۇ، تېز - تېز ئوتلاقلار ئۇچراپ تۇرۇپتۇ. ئىككىنچى كۈنى تەبىئەت ئۆزگىرىپتۇ. قاغجىرىغان ئوتلار ھەم ئاندا _ ساندا يولۇقىدىغان بولۇپ قاپتۇ. ئۈچىنچى كۈنى قۇرۇق دەشت _ باياۋان باشلىنىپتۇ. ساكلار ھامىسى بولغان ئوتتۇرا ئاسىيا قۇياشى كېلىۋاتقان باسقۇنچىلار بېشىدىن ئوت ياغدۇرۇپ تۇرۇپتۇ. لەشكەرلەرنىڭ لەۋلىرى تېز _ تېز قۇرۇشقا باشلاپتۇ. كۈندىن _ كۈنگە ئەھۋال ئېغىرلىشىپتۇ. ئىران لەشكەر باشچىسى رەناسىبەت تاقىتى تاق بولۇپ، ساكلار مەنزىلىگە قانچە قالغىنىنى شىراقتىن دوق بىلەن سوراپتۇ. ئۇ سوغۇققانلىق بىلەن مەنزىلىگە يېقىنلىشىپ قالغىنىنى ئېيتىپ، لەشكەر بېشىنى يۇمىشىتىپتۇ. بىراق سەپەرنىڭ يەتتىنچى كۈنى ھەم ساكلاردىن دېرەك تاپماپتۇ. رەناسىبەت ئالدانغىنىغا ئىشىنىپ، غەزەپكە كەپتۇ: «ۋەدەڭگە ۋاپا قىلمىدىڭ! زاتى پەس بەچچە! بىزنى ئالدىدىڭ. قېنى سەن ئېيتقان ساكلار؟! ھەممە ياق دەشت _ سەھرا، بۇ يەرلەردە ئات يۈرسە ئايىغى، قۇش ئۇچسا قانىتى كۆيدى. كۆرۈپ تۇرۇپسەنكى، بىزدە نە سۇ، نە ئوزۇق _تۈلۈك، نە يەم _ خەشەك بار! بۇ مىتەك قىزىپ كەتكەن قۇملۇقتىن نە ئالدىڭغا بىر قەدەم بېسىپ بولىدۇ. نە ئارقاڭغا قايتىپ بولىدۇ! ئاخىر ئۇلۇغ پادىشاھنى ئالداشقا، شۇنچە بىھساپ ئېگىلىمەس قوشۇننى ھالاكەت گىرداۋىغا ئېلىپ كېلىشكە سېنى نېمە مەجبۇر قىلىدۇ؟» دەپ دىۋەيلەپتۇ. شىراق لەشكەر بېشىنىڭ قان تولۇپ تۇرغان كۆزىگە مەغرۇرانە تىكىلىپتۇ. ئۇ چاۋاك ئۇرۇپ، قاقاقلاپ قاتتىق كۈلۈپتۇ: «مەن يەڭدىم، يالغۇز ئۆزەم پۈتۈن بىر قوشۇننى يەڭدىم، _ دەپ سۆيۈتۈپتۇ، _جانىجان قەبىلەم ساكلار ۋە ئانا تۇپرىقىم بېشىغا كەلگەن بالانى دەپنە قىلىپ، باسقۇنچى ئىران لەشكىرىنى ھالا كەتكە ئېلىپ كەلدىم. تۆت تاماننىڭ ھەر قايسىسى يەتتە كۈنلۈك يول، ئىدىگەن تەرىپىڭىزگە كېتىۋېرىڭ. بەرىبىر ھەممىڭلارنى ئاچىلىق ۋە تەشنالىق يىمىرىپ نابۇت قىلىدۇ. مېنىڭ قېنىم ھەم ئاشۇ يەرلەرگە تۆكۈلىدۇ.» بۇ ئاچچىق ھەقىقەت رەناسبەتنىڭ يۈرىكىگە نەيزىدەك قادىلىپتۇ. ئۇ ۋەھىشىلىشىپ، قىلىچ بىلەن شىراقنىڭ بېشىنى شارتلاپ ئۈزۈپ تاشلاپتۇ. ئەمما دارا لەشكەلرىرى ساكلارغا قارشى سەپىرىنى توختىتىپ، پاراكەندە بولۇپ كەتكەنىكەن. دىۋە يۈرەك چوپان شىراق قىسىسى ئەنە شۇنداق ئىكەن.
← بارلىق تېمىلار ئاپسانىلار