«شېرىن قىز» ئەپسانىسى
ئەپسانىلار
شېرىن دېگەن قىز شۇنداق گۈزەل ئىكەنكى، ئۇ تۇغۇلۇپ بالاغەتكە يەتكەندىن كېيىن ھۆسن _ جامالىنىڭ تەرىپى پۈتۈن ئالەمگە يېيىلىغانىكەن، شۇ زاماندا دۇنيا بويچە ئاي ئۆزىنى چىرايلىق دەپ ساناپ، يەر يۈزىدە يۈرەر ئىكەن. ھەممە كىشى گۈزەلىكتە تەڭدىشى يوق دەپ ئاينى ماختايدىكەن. شېرىن قىز بالاغەتكە يېتىپ گۈزەللىكى كۈندىن - كۈنگە ئاشقاندىن كېيىن ئادەملەر ئاينى ماختاش ئورنىغا شېرىننى ماختاپ، ئۇنىڭ ھۆسن _ جامالىنى تىللاردا داستان قىلىشىدىغان بوپتۇ. بۇنىڭغا ئاينىڭ ھەسەتخورلۇقى كەپتۇ: «ئەجەبا، مەن تۇرغىنىمدا كىشىلەر شېرىننى ماختاشسا، ئۇنىڭغا قانداق چىدىغۇلۇق! شېرىن بىلەن مەن ھۆسنىمنى سېىشتۇرۈپ كۆرەيچۇ. شۇندىن كېيىن مېنىڭ كىملىكىنى بىلىپ قويۇشسۇن» دەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن شېرىن قىزنى قېشىغا چاقىرىپ كېلىپ: «سەن كىم؟ مەن كىم؟ ئەل ئاغزىدا ھۆسنىڭ تەرىپى ئالەمكنى بېسىپتۇ. كەل، ئىككىمىز ئۆزىمىنى ھۆسن تارازىسىغا سېلىپ تارتىپ كۆرەيلى، كىم چىرايلىق بولسا تارىزىدا مەلۇم بولىدۇ» دەپتۇ. شېرىن قىز خىجالەت بولۇپ: «ھۆسنىدە سىز ئەلۋەتتە زىيادە تۇرسىز، قۇيۇڭ، مېنى خىجىل قىلماڭ، مەن ھۆسن دەرۋاسىنى قىلمايمەن» دەپتۇ. بۇنىڭغا ئاينىڭ جەھلى قوزغىلىپ: «سەن ھۆسن دەۋاسىنى قىلىمىغان بىلەن گويا ئىنسانلا نەزەرىدە سەن مەندىن چىرايلىق ئىمىشسەن، تارازىدا بىر سىناشمىساق زادى بولمايدۇ» دەپ، شېرىننى مەيلىگە قويماي، ئۆزى ئالدىن تەييارلاپ قويغان تارازا ئالدىغا ئاپىرىپتۇ. بۇ دەرۋاغا خالايىق يىغىلغان ئىكەن. ئەي مەغرۇرلىنىپ: « مانا شېرىن، مانا مەن، كۆرۈڭلار، ھۆسندە زادى كىم غالىپ ئىكەن، مانا بۇ ئادىل تارازىدا بىلىنىدۇ» دەپ تارازىنىڭ بىر پەللىسىگە چىقىپ شاھانە ئولتۇرۇپتۇ. شېرىن خىجالەتچىلىك ئىچىدە نائىلاج ئوڭ ئايىغىنى «بىسمىللا» دەپ تارازىنىڭ يەنە بىر پەللىسىگە قويا _قويماي، ئاي لەگلەكتەك لىككىدە كۆتىرىلىپ ئاسمانغا چىقىپ كېتىپتۇ. خالايىق شېرىن قىزنى قايتىدىن تەبرىكلىشىپتۇ. نومۇس كۈچىدىن ئاي يەريۈزىگە قايتىپ چۈشەلمەي، ئاسمانغا مىخلىنىپ قالغانىكەن.