UyghurWiki
UyghurWikiئاپسانىلارئەفرات ۋە توققۇز قىز ئەپسانىسى

ئەفرات ۋە توققۇز قىز ئەپسانىسى

ئەپسانىلار بۇ ئەپسانىنى قەشقەر قورغان قازىرىقتىكى ئاتمىش ياشلىق پېشقەدەم مائارىپچى ئوسمان قاسىم ئېيتىپ بەرگەن. چىن دىيارىدا سەلتەنەتلىرى كاتتا، ئالەمددەك تەڭدىشى يوق دانىشمەن، ئۇرۇش ئىشلىرىغا ئاجايىپ كامىل بىر خاقان ئۆتكەن بولۇپ، ئۆزىنى كۈن تۇرغاردىن كۈن پاتارغىچە بولغان كەڭ ئىقلىمنىڭ خاقانى دەپ ئاتايدىكەن. ئۇرۇشقا چىقسا دۈشمەن ئالدىدا شىردەك ھۆركىرەيدىكەن. ئۇنىڭ ئىككى ئۈرۇش ئېتى بولۇپ، بۇ ئاتلار ئۈچيۈز ئاتمىش يىللىق يولنى بىر كۈندە باسىدىكەن. خاقان چۈشكىچە قارا ئاتقان، چۈشتىن كېيىن ئاق ئاتقا مىنىدىكەن. ئېلىنى قوغدا، خەلقىمى مەڭگۈ بەختلىك، باياشات قىلىش ئۈچۈن كېچىلەرنى ئۇيقۇسىز ئۆتكۈزىدىكەن. دوستلىرىغا رەھىمدىل، دۈشمەنلىرىگە ئىنتايىن ئۆچ بولۇپ، قىرىق كېچە _ كۈندۈزلۈك يىراقلىقتىكى دۈشمەنلىرىدىن يامان شەپىلەرنى ئاڭلاپ قالسا دەرھال ئاتلىنىپ، ئەدەپلەپ قايتىدىكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن خەلق خۇشال _ خۇرام باياشات ياشايدىكەن، دۆلىتى كۈچلۈك، يەتتە ئىقلىمدا نامى پۇر ئىكەن. تەڭرى كۆك ئاسمان بىلەن قارا يەرنىڭ ئارلىقىدا سۇ بىلەن تۇپراقنى قوشۇپ خېمىرغا ئوخشاش يۇغۇرۇپ، كۈنگە قاقلاپ قۇرۇتۇپ ياراتقانلىقى ئۈچۈن ئۇ ئايدەك گۈزەل ئىكەن. باتۇر چىن خاقانى چۈش كۆرۈپتۇ. چۈشىدە رۇم ئېلىنىڭ خاقانىغا ۋەزىرى شۇنداق دېگەنمىش: «بىزدىن ئۈچيۈز ئاتمىش كېچە -كۈندۈز يىراقلىقتا چوڭ بىر ئەل بولۇپ، خەلقى كۆپ، بايلىغى مول، خاقانى باتۇر ئىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە توققۇز ئوغلى بولۇپ، ئۇلار كېچە - كۈندۈز ئات مىنىپ، ئوقيا ئېتىپ، قىلىچ ئوينىتىپ يۈرىدىكەن. يېقىن كەلگۈسىدە ھەر تەرەپكە لەشكەر تارتىپ چىققۇدەك. شۇڭا ئۇلار ئۇيقۇدىكى ۋاقتىدا دەرھال قوشۇن تارتىپ، خاقاننىڭ كاللىسىنى ئېلىپ، خەلقىنى ئەل قىلىپ، كۈچىمىزنى بىر كۆرسىتىپ قويايلى.» چىن خاقانى ئورنىدىن دەس تۇرۇپتۇ. كۆپ ئۇخلاپ كەتكىنىگە ئۆكۈنۈپتۇ. لېكىن «ئۇخلىمىغان بولسام دۈشمەنلەرنىڭ مەسلىھىتىدىن خەۋەرسىز قالغان بولاتتىم» دەپ ئۆز - ئۆزىگە تەسەللى بېرىپتۇ. ياي شەكلىدىكى زۇلپىقارىنى يېنىغا ئېسىپ، ساۋۇت _ قالغانلىرىنى كىيىپ، ئاق ئېتىغا مىنىپتۇ. قاراپ ئېتىنى يېتىلەپتۇ. دەرھال توققۇز ئوغلىنى ئويغىتىپ، قوشۇنلىرىنى سەپراس قىپتۇ. يەتتە مىڭ ئاق ئاتلىق قوشۇننى ئالدىغا ساپتۇ. چۈنكى قاراڭغۇدا ئاق ئاتقا ئەگىشىپ ماڭسا يولدىن ئېزىپ قالماسمىش. چىلانتۇرۇپ ئاتلىق قوشۇندىن يەتتە مىڭنى ئاق ئاتلىق قوشۇننىڭ ئارقىسىغا ئەڭ ئاخىرىغا يەتتە مىڭ قۇڭۇر ئاتلىق قوشۇننى ئۇنىڭ ئاقىسىغا ئەڭ ئاخىرىغا يەتتە مىڭ قارا ئاتلىق قوشۇننى ئورۇنلاشتۇرۇپتۇ. چىن خاقانى ئاسماندىكى ئايغا قاراپ شۇنداق دەپتۇ: «سەن يۇلتۇز بىلەن قوشۇلۇپ بىزگە مەدەت قىلغىن.» نۇرغۇن - نۇرغۇن ئورمانلارغا قاراپ: «سەن بىزنى شامالدىن ساقىلىغايسەن.» تاققا قاراپ: «ئەي قۇتلۇق تاغ! سېنى بىز تەڭرى بىلەن بىلىمىز، سەن بىزگە ھايات ئاتا قىلغايسەن، دائىملىق مەدەتكار بولغايسەن» دەپ دۇئا ئەيلەپتۇ. ئاخىرى توققۇز قىزىنى چاقىرىپتۇ. باشتا ئەڭ كەنجى قىزى ئايخاننى چاقىرىپ: «بىز بارلىق ئەركەكلەر سەپەرگە ئاتلاندۇق، يول يىراق، پات ئارىدا قايتىپ كېلەلمەيمىز. سەن بارلىق قىزلارغا باشچىلىق قىلىپ، ئەلنى ئوبدان ساقلىغىن. خەلقنى خارلىما، بايلىقنى بۇزۇپ _ چاچما» دەپ تاپىلاپتۇ. ئەڭ چوڭ قىزى قانقىزنى چاقىرىپ: «سەن قاندەك قىزىل بولغانلىقىڭ ئۈچۈن ئېتىڭنى قانقىز قويدۇم. سەن بۇ ئەلگە خان بولۇپ تۇرغىن. ئۇرۇش ئىشلىرىدا سىڭلىڭدەك ئىقتىدارىڭ يوق. شۇڭا ئۇرۇشقا سىڭلىك قوماندانلىق قىلسۇن، سەن ئوردىدا ئولتۇرۇپ دۆلەتنى ئىدارە قىلىسش بىلەن بولغىن» دەپتۇ. يەتتىنچى قىزى قازنى چاقىرىپ، ئۇنىڭغا ۋەزىرلىكنى تاپشۇرۇپتۇ. قالغان تۆت قىزىغا تۆت تەرەپنى ساقلاشقا ، ئىككى قىزىنى ئوردىنى ساقلاشقا ئورۇنلاشتۇرۇپتۇ. شۇنداق قىلىپ خان قەشقەر ئىقلىمدىن ئۈچيۈز ئاتمىش كۈنلۈك سەپەرگە راۋان بوپتۇ. يەتتە كېچە _ كۈندۈزدە باغدات شەھىرىگە يېقىن كەپتۇ. باغداتنىڭ بىر خاقانى بولۇپ، كۈچ جەھەتتە تەڭدىشى يوق، ئالەمگە داڭقى كەتكەنىكەن. ئۇمۇ چۈش كۆرۈپ، چۈشىگە چىن خاقانىنىڭ خەۋەرچىلىرى خانغا ئۇلارنىڭ ئالدىنى باغدات ئېلىنى باغدات ئېلىنىڭ خاقانى قاسىراننىڭ توسۇپ تۇرغانلىقىنى خەۋەر قىپتۇ. چىن خاقانى دەرغەزەپكە كېلىپ: «بىز ئۇلار بىلەن ئۇرۇش قىلىشنى ئويلىمىغان ئىدۇق. ئەپسۇسكى ئىچىدىن زەھەر قاينايدىغان بۇ ئەبلەخ بىزنى توسماقچى بولغان بولسا، ئۇنىڭمۇ بىر جاجىسىنى بېرىپ قويايلى» دەپتۇ. ئىككىلا تەرەپ قوشۇنلىرى نەرە تارتىپ ئۇرۇشقا چۈشۈپتۇ. يەتتە كېچە _ كۈندۈزلۈك قاتتىق جەڭدىن كېيىن قاسىران قوشۇنلىرى قېچىپتۇ. چىن قوشۇنلىرى قوغلاپتۇ. ئۇرۇش شۇنداق دەھشەتلىك بوپتىكى، توپا _ چاڭنىڭ دەستىدىن كۈن كۆرۈنمەي ئالەم قاراڭغۇلىشىپ كېتىپتۇ. قان دەريا بولۇپ ئېقىپ، كىشىلەر كېمە بىلەن ئۆتۈپتۇ. چىن قوشۇنلىرى غەزەپ بىلەن دۈشمەنلەرنى قوغلاپ ئىككى تاغنىڭ ئارىسىغا كەپتۇ. قارىسا قاسىران قوشۇنلىرى كۆرۈنمىگۈدەك. شۇ ئاندا چىن خاقانى ئەفرات لەشكەرلىرىگە قايتىشنى بۇريرۇغانىكەن. بىردەمدە ئىككى تاغنىڭ ئارىسىغا توپان سۈيى تولۇپ كېتىپ، نۇرغۇن ئەسكەرلەر تۇنجۇقۇپ ئۆلۈپ كېتىپتۇ. ئەفرات دومىلاپ چۈشكەن يوغان قىيا تاشنىڭ ئاستىدا قېلىپ قازا تېپىپتۇ. سۇدىن ئامان قالغانلىرى قېچىپتۇ، تاغنىڭ ئۈستىگە يوشۇرۇنۇۋالغان قاسىران لەشكەرلىرى ئوقيا، تاش بىلەن يەنە بىر قىسملىرىنى يوقىتىپتۇ. بۇ شۇم خەۋەر چىن ئىقلىمىغا يېتىپ كەلگەندە ئەفراتنىڭ توققۇز قىزى قاتتىق قايغۇغا چۈشۈپتۇ. ئوتتۇرانچى قىزى ئەلقان قوشۇن باشلاپ دادىسى ۋە ئاكىلىرىنىڭ قىساسىنى ئېلىپ كېلەيلى، دەپ مەسلىھەت بېرىپتۇ. يەنە بىر قىزى مەخپىي بېرىپ قاسراننىڭ ئوردىسىنى كۆيدۈرۈپ تاشلايمەن، دەپ ۋەدە قىپتۇ، شۇنداق قىلىپ كەنجى قىزى ئايخان ئاچىلىرىغا: «بىزنىڭ ھازىرقى ئىشىمىز ئەل - يۇرتنى قوغداش، دادىمىز ئالدىراڭغۇلۇق قىلىپ كىشىنىڭ يۇرتىغا بېرىپ ھالاك بولدى. بىز بۇ ساۋاقداشلارنى ئېسىمىزدە تۇتۇپ، ئۆز ئورنىمىزدا يۇرتىمىزنى قوغدايلى» دەپتۇ. ئۇزۇن ئۆتمەي ياقا بىر ئەلنىڭ خاقانى بۇ قىزلارغا يامان كۆزى بىلەن قاراپ، ئۇلار ئۈستىگە قوشۇن تارتىشقا تەييارلىنىپتۇ. بۇ خەۋەر چاقماق تېزلىكىدە توققۇز قىزنىڭ قۇلىقىغا يېتىپتۇ. ئۇلار كۆپ مەسلىھەتلەر قىلغاندىن كېيىن: بۇ ياۋۇز خاقاننىڭ لەشكەرلىرى كۆپ، بىزنىڭ ئەر ئەسكەرلىرىمىزنىڭ ھەممىسى ھالاك بولدى. ئۇلار بىلەن يەكمۇ - يەك جەڭ قىلساق، ئېھتىمال يېڭىلىپ قالىمىز. شۇڭا ھىيلە بىلەن بۇ ئەبلەخلەرنى يوقىتايلى، دەپ پىلان تۈزۈشۈپتۇ. ئۇلار بىر جادۇگەر كەمپىردىن مەسلىھەت سورىغان ئىكەن. ئۇ: «سېپىل ياسىساڭلار دۈشمەن بەرىبىر بۇزۇپ تاشلايدۇ، ئالتۇن، كۈمۈش، دەپئى - دۇنيانى كۆمۈپ قويساڭلار ئەۋلادلىرىڭلار چىرىپ كېتىدۇ. شۇڭا چوڭ قۇملۇققا يوشۇرۇپ قويساڭلار ئوبدان ساقلىنىدۇ» دەپتۇ. قىزلار يىراق - يىراق جايلاردىن قۇم ئىزدەپتۇ. ئۇلار قۇم ئېلىگە بېرىپ، ئۇ يەردىن قۇم يۆتكەپ كېلىشكە بەل باغلاپتۇ. پۈتۈن كۈچىنى ئىشقا سېلىپ ئات - تۆگىلەرگە ئارتىپ قۇم يۆتكەپتۇ. ئۆزلىرى قېرىپ دوك بولۇپ كەتكۈچە قۇم يۈدۈپتۇ، بۇ مەسلىھەتنى بەرگەن جادۇگەر كەمپىر ئەسلىدە شۇ قۇم ئېلىنىڭ پادىشاھى بولۇپ، قىزلارنىڭ بۇ روھىدىن قاتتىق تەسىرلىنىپتۇ. ئۇ شۇنداق ئەمر قىلغان ئىكەن، قۇم ئېلىدىن لەكمىڭ - لەكمىڭ قۇم بارخانلىرى ئۆزلۈكىدىن يۆتكلىپ، چىن دىيارىدىكى ئاۋات شەھەرلەرنىڭ ئۇستىنى خۇددى قالپاق كىيگەندەك ئوراپتۇ. ئايخان ياشىنىپ قالغان ئاچىلىرى بىلەن بارلىق قېرى - چۈرىلەر ۋە كىچىك بالىلارنى قۇم ئاستىدا ياشاشقا قالدۇرۇپ، ئۆزى توققۇز مىڭ قىز ئەسكىرىنى ئېلىپ دۈشمەننىڭ ئالدىنى توسۇشقا ئاتلىنىپتۇ. ئىككى تەرەپ يەتمىش ئىككى كېچە - كۈندۈز ئېلىشىپتۇ. ياقا ئەلنىڭ خاقانى ئەسلىدە دۆپىرىلەر ئېلىدىن بولۇپ، ئادەم سىياقىغا كىرىۋالغان ئىكەن. ئۇنىڭ ئاغزىدىن چىققان ئوت ئالتە ئايلىق يىراقلىقتىكى جىمىكى مەخلۇقاتلارنى، ئادەم ۋە گىيا - تۇپراقلارنى كۆيدۈرۋېتەلەيدىكەن. بوران چىقىرىپ تاغلارنى تۈزىلىۋېتەلەيدىكەن، توپان سۇيى ھاسىل قىلىپ ھەممىنى غەرق قىلۋېتەلەيدىكەن. ئايخان ۋە ئۇنىڭ ئەسكەرلىرى كۈن ھارارىتىدە پىشىپ،سۇ بىلەن توپىدا خېمىردەك يۇغۇرۇلۇپ ئۇيۇشقان بولغاچقا، تۆت تاغ ۋە ئورمانلار مەدەت بەرگەچكە ئوتتا كۆيمەيدىكەن، سۇدا ئاقمايدىكەن، شامالدا ئۇچمايدىكەن. ئۇلار يات ئەلنىڭ خاقانى بىلەن شۇنداق دەھشەتلىك جەڭ قىلىپتۇكى، ئايخان ھەر بىر قىلىچ ئۇرسا ئۇنىڭ ئاۋازىدىن يەتتە قات ئاسمان زىلزىلىگە كېلىپ، يەتتە قات يەر تەۋرەپ كېتىدىكەن. يات ئەلنىڭ خاقانى مۇرغات ئۆز ئۆمرىدە قىرىق بىر قېتىم ئۇرۇش قىلىپ، قىرىق بىر پالۋاننى يەڭگەن بولسىمۇ، بۇنداق باھادىرغا يولۇقمىغان ئىكەن. ئايخاننى يېڭىشىتىن ئۈمىد ئۈزگەن مۇرغات بىر ھىيلە ئويلاپ چېكىنپتۇ. ۋەزىرلىرىگە: «چىن ئىقلىمىنى ئوتتا كۆيدۈرەيلى دېسەك، قىرىق يىللىق يولغا يېتىپ بارالماي، ئوت ئۆچۈپ قالىدۇ، شامالدا ئۆچۈرۈپ تۈگىتەيلى دېسەك، ئىگىز تاغلار توسىۋالىدۇ. شۇڭا ئۇلۇغ دېڭىزنىڭ سۈيىنى قويۇۋەتسەك سۇدا غەرق بولۇپ ئۆلىدۇ» دەپ، دېڭىزنىڭ سۈيىنى چىن ئىقلىمىغا قارىتىپ ئېچىۋېتىپتۇ. بۇنى ئاڭلىغان ئايخان قۇم ئۈستىگە سۇ كىرىپ كەتسە ئاچىلىرىمىز، ئۇرۇق - ئەۋلادىمىز تۈگىشىدۇ، سۇنى ئوردا ئەتراپىدا توسۇپ قالايلى، دەپ نىيەت قىلىشىپتۇ. ئۇلار يەتمىش ئىككى كېچە - كۈندۈز جاپالىق ئېلىشىپ، ئاخىرى بۇ سۇنى توسۇپ قاپتۇ. بىراق ئوردا سۇ ئاستىدا قاپتۇ. كەڭ قۇم ئاستىدا قالغان ئاچلىرى قېشغا كىرەلمەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن لەشكەر، پۇقرالىرىنى يىغىپ، كەڭ قۇملۇقنىڭ ئەتراپىدا ماكان تۇتۇپ جان بېقىشنى، ئاچىلىرىنى مۇھاپىزەت قىلىپ ئۆتۈشنى نىيەت قىلىپ، قېرىنداشلىرىنىڭ پىراقىدا زار - زار يىغلاپ ئالەمدىن ئۆتۈپتۇ. شۇندىن كېيىن قۇملۇقنىڭ ئەتراپىدا نۇرغۇن شەھەرلەر قۇرۇلۇپ، ھايات قالغان كىشىلەر جان بېقىپ كەلگەنمىش. يىراق - يىراق قۇم بارخانلىرىدىن دائىم مۇڭلۇق ناخشىلار، ھەسرەت - نادامەتلەر ئاڭلىنىپ تۇرارمىش. كىشىلەر قۇم ئاستىدىن چىقىۋاتقان ئىس - تۈتەكلەرنى كۆرەرمىش. ئۇلار ئاتا - بوۋىلىرىنى ئەسلىگەندە، بۇ كەڭ قۇملۇققا بېرىپ كۆمۈلۈپ، ئۇلار ئاتا - بوۋىلىرىنى ئەسلىگەندە، بۇ كەڭ قۇملۇققا بېرىپ كۆمۈلۈپ، ئۆزلىرىنى ئاتا - ئانىسىنىڭ قۇچىقىدا ياتقاندەك ھېس قىلارمىش. كىشىلەر ئايخاننىڭ قانداق ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى بىلمەيدىكەن. ئۇلارنىڭ نەزىرىدە ئۇ ھايات بولۇپ، مەڭگۈ ئۆلمەيدىكەن. ئۇنىڭ قۇدرىتى بىلەن چىن ئىقلىمىدا قايتىدىن ھاياتلىق باشلىنىپ، ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى خاتىرجەم ياشاۋېتىپتۇ.
← بارلىق تېمىلار ئاپسانىلار