UyghurWiki
UyghurWikiئاپسانىلارئىككىنچى ئادەم نوھ ھەققىدىكى ئەپسانە

ئىككىنچى ئادەم نوھ ھەققىدىكى ئەپسانە

ئەپسانىلار بۇ ئەپسانە موللا سايرامنىڭ «تارىخىي ھەمىدى» دېگەن كىتابدىن ئېلىندى. نوھ پەيغەمبەر «توپان بالاسى» دا ئاللانىڭ ئەمرى بىلەن كېمە ياساپ ھەر جىنىس مەخلۇقتىن بىر جۈپ كېمىگە ساپتۇ. ئاخىر جۇدى تېغىغا كېلىپ، تاغنىڭ ئۈستىگە كېمىنى تارتىپتۇ. ئادەم ئۇرۇقىدىن سەكسەن كىشى سالامەت چىقىپتۇ. ئەمما يول ئازابى ۋە سۇنىڭ تەسىرىدىن ھەممىس ھالاكەتكە يولۇقۇپ، پەقەت نوھ پەيغەمبەر بىلەن ئۇنىڭ ئۈچ ئوغلى سام ، ھام، ياپەس ھەمدە ئۈچ ئايال جەمئىيەت يەتتە كىشى سالامەت قاپتۇ. يەر يۈزىدىكى ھەممە ئىنسان گۇرۇھى ۋە ئادەم ئۇرۇقى نوھ پەيغەمبەرنىڭ مۇشۇ ئۈچ ئوغلىنىڭ ئەۋلادىلىرى ئىكەن. نوھ شۇنىڭ ئۈچۈن ئىككىنچى ئادەم دىيىلىدىكەن.
← بارلىق تېمىلار ئاپسانىلار