خوتەن ھەققىدىكى ئەپسانە
ئەپسانىلار
بۇ ئەپسانە س. ئەخمەت. قۇربان ۋەلى يازغان «ئاق سېپىل قەدىمكى شەھىرىنىڭ كېسەكلىرىدىكى يېزىقلار ھەققىدە دەسلەپكى مۇلاھىزە» دېگەن ماتېرىيالدىن ئېلىندى.
خاننىڭ ئوغلى بولمىغانلىتىن نەسەبى ئۈزۈلۈپ قېلىشتىن ئەنسىرەپ، ۋايشىداۋانا تەڭرى دەرگاھىغا بېرىپ ئىبادەت قىپتۇ. ئىلاھى ئوبرازىنىڭ پىشانىسىدىن بىر ئوغلان ئۈنۈپ چىقىپتۇ. ئۇنى مەپىگە سېلىپ ئېلىپ كەپتۇ. دۆلەت خەلقى تەبرىكلەپتۇ. ئۇغلان ئەمچەككە كۆنمىگەنلىكتىن يەنە ئىلاھتىن ئۇنىڭغا ئۆمۈر تىلەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئىلاھىنىڭ ئالدىدىكى يەردىن بىر ئەمچەك ئۈنۈپ چىقىپتۇ. بۇ ئىلاھ ئوغۇل ئۇنى ئېمىپ ئەي بوپتۇ. ئەلدە تەڭرىدىشى يوق، ئەقىللىق، باتۇر بولۇپ يېتىلىپتۇ... شۇنىڭدىن كېيىن بۇ دۆلەتتە خانلىق نەسەبى ئۈزۈلۈپ قالماپتۇ. بۇ ئەلنىڭ خانى يەردىن ئۈنۈپ چىققان ئوغۇز «سۈتى» نى ئېمىپ چوڭ بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ ئەلنىڭ نامى «كىھو - ستان» دەپ ئاتىلىپتۇ. «كىھو» دېگەن سۆز ئارىيانلىقلارنىڭ تىلىدا «ئوغۇز سۈتى» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىكەن. «كھو - ستان» بولسا «ئوغۇز ماكانى» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىكەن. كېيىن جانلىق تىلدا «س» تاشلىنىپ، «كھوتان» دەپ ئاتالسا، ئاستا _ ئاستا «ك» چۈشۈپ قېلىپ «ھوتان» ياكى «خوتەن» دەپ تەلەپپۇز قىلىنىپتۇ. باشلاپ ھازىرغىچە «خوتەن» دېگەن نام سىڭىپ قالغانىكەن.