خوتەن ئاق سېپىل رىۋايىتى
ئەپسانىلار
بۇ رىۋايەت شۇەن جۇاڭنىڭ «بۈيۈك تاڭ دەۋرىدە غەربىي ئەلگە قىلىنغان ساياھەت خاتىرىسى» دېگەن كىتابتىن ئېلىندى.
ئاسۇكاخان قاتتىق غەزەپلىنىپ ۋەزىرىنى ئەۋەتىپ، شاھزادىنى سۈرگۈن قىپتۇ. ئۇ قوۋملىرىنى باشلاپ شىمالىدىكى تاغدىن ئۆتۈپتۇ. چۆل _ جەزىرىلەردە قونۇپتۇ. ئادەم، مۈلۈكلىرىنى ئېلىپ، بۇ ماكاننىڭ غەرىبىدىكى قىرغاققا كەپتۇ. تۆرىلەرنى تىكلەپتۇ، ئۆزى خان بوپتۇ. شۇ ۋاقىتتا شەرقىي ئەل شاھزادىسى قاچاقلارنى ئەيىپلەش ئۈچۈن شەرقىتىكى قىرغاققا كېلىپ ماكانلىرىشىپتۇ. قول ئاستىدىكىلەرنىڭ مەسلىھىتى بويىچە ئۆزىنى خان دەپ جاكارلاپتۇ. ئايلار، پەسىللەر ئۆتۈپتۇ. دىن ۋە ئۆرپ _ ئادەت جەھەتلەردە بۇ ئىككى شاھزادە چىقىشالماپتۇ. ئۇلار ھەمىشە يەر ئىچىپ تېرىقچىلىق قىلغان ۋاقىتلاردا چاتقاللىقلاردا ئۇچرىشىپ قېلىپ، ئۆز ئارا جەمتلىرىنى سۈرۈشتە قىلىشىدىكەن. خوجايىنلىق تالىشىپ، گەپ - سۆز تەگىشىدىكەن، بىر - بىرلىرىگە قورال تەڭلىشىدىكەن.. شۇنداق قىلىپ سۇبھى كۆتىرىلىگەندە ئۇلارنىڭ ئارىسىدا جەڭ باشلىنىپتۇ. نەتىجىدە غەرب خانى يېڭىلىپ، شەرق خانى غەلىبە قىپتۇ. غەرب خانى ئۆز ئېلىدىن مەھرۇم بولغانلارنى يەنە توپلاپتۇ، پايتەختىنى ئوتتۇرا رايونغا كۆچۈرۈپ سېپىل بىنا قىپتۇ ۋە دۆلەت قۇرۇپتۇ. خان پايتەخت قىلغان بۇ شەھەرنىڭ نامى شۇنىڭدىن باشلاپ «ئاق سېپىل شەھىرى» دەپ ئاتىلىپتۇ.