UyghurWiki
UyghurWikiئاپسانىلارھۆچۈپ نېمە دەپ سايتايدۇ؟

ھۆچۈپ نېمە دەپ سايتايدۇ؟

ئەپسانىلار ھۆپۈپ ئەسلىدە پۈتۈن ئالەمگە پادىشاھ بولغان سۇلايمان ئەلەيھىسسالامغا ۋەزىر بولغانىكەن. ئۇنىڭ تاجىسى ئاشۇ ۋەزىرلىك مەنسىپىنىڭ يالدامىسى ئىكەن. ئۇ شۇندىن ۇيان باشقا قۇشلارغا قېتىلماي ئايرىم يۈرىدىكەن. كېچىلىرى باشقىلار تەرىپىدىن يەكلەنگەن قارىياغاچنىڭ خىلۋەت كاۋاكلىرىغا كىرىۋېلىپ دۇرۇت ئوقۇيدىكەن. ئۇ داۋاملىق خۇدانى يادلاپ «ھۆپۈپۈپ! ھۆپۈپۈپ!...» دەپ زىكرى سوقىدىكەن. «ھۆپۈپۈپ» دېگىنى ئۇنىڭ تىلىدا «ئاللا، ئاللا» دېگەن مەنىنى بېرىدىكەن.
← بارلىق تېمىلار ئاپسانىلار