UyghurWiki
UyghurWikiئاپسانىلار«تارانچى» رىۋايىتى

«تارانچى» رىۋايىتى

ئەپسانىلار بۇ رىۋايەت ئابدۇللا تالىپنىڭ «قاينام ئۆركىشى» ناملىق روماندىن ئېلىندى. مۇنبەت ئىلى زىمىنىنى ئىگىلىۋالغان جۇڭغارلار تېرىقچىلىق قىلىشنى بىلمەيتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار نەچچە ئون مىڭلىغان چېرىكلىرىنىڭ قورسىقىنى بېقىش ئۈچۈن يەر تېرىغۇچى دېھقانلارغا ھاجىتى چۈشتى، بۇنىڭدىن بۇرۇن ئۇلار يەرلىك دېھقانلارنى قىرىپ تاشلىغان ئىدى. نەتىجىدە ئالتە شەھەردىن ئون مىڭلىغان دېھقان مەھبۇسلىرىنى مۇز داۋان ئارقىلىق ئىلىغا ھەيدەپ كېلىپ، بۇ يەردە يېڭى يەر ئاچقۇزۇپ دېھقانچىلىق قىلدۇردى. ئەنە شۇ يەر تېرىغۇچىلارنى كەمىستىپ «تارانچى» دەپ ئاتاشتى. شۇندىن باشلاپ ئىلىدىكى بۇ دېھقانلارنىڭ نامى «تارانچى» بولۇپ قالدى. بۇ سۆز مۇڭغۇل تىلىدا «يەر تېرىغۇچى» دېگەن مەنىنى بېرەتتى.
← بارلىق تېمىلار ئاپسانىلار
«تارانچى» رىۋايىتى | UyghurWiki | UyghurWiki