UyghurWiki
UyghurWikiئاپسانىلاريىلاننىڭ نېمە ئۈچۈن پۇتى يوق؟

يىلاننىڭ نېمە ئۈچۈن پۇتى يوق؟

ئەپسانىلار يۇقىرىقى ئىزاھاتقا ئوخشاش. بۇرۇن يىلاننىڭ پۇتى تېشىدا ئىكەن. ئۇ جەننەتكە سۇ كىرىدىغان سۈڭگۈچنىڭ قېشىدا كۆزەتتە تۇرىدىكەن. ئۇچاغلاردا شايتان جەننەتنىڭ تېشىدا تۇرىدىكەن. ئۇ جەننەتكە كىرمەكنى خىيال قىلىپ، يىلاننىڭ قېشىغا كەپتۇ ۋە ئۇنىڭغا ئۆزىنى جەننەتكە ئەكىرىپ قويۇشنى ئىلتىماس قىپتۇ. ئەمما يىلان ئۇنىڭغا قوشۇلماپتۇ. شەيتان يەنە بىر مۇنچە يالۋۇرۇپتۇ. يىلاننىڭ رەھىمى كېلىپ شەيتاننى دۈمبسىگە مىندۈرۈپ، سۈڭگۈچتىن ئۆتكۈزۈپ قويۇپتۇ. شۇنىڭ بىلەن خۇدانىڭ يىلانغا غەزىپى كېلىپ، ئىچىنى تېشىغا ئۆرۈۋېتىپتۇ ۋە جەننەتتىن قوغلاپ چىقىرىپتۇ. شۇندىن كېيىن يىلاننىڭ پۇتى يوق بولۇپ قالغانىكەن.
← بارلىق تېمىلار ئاپسانىلار