بۆرە توتېم ئەپسانىسى
ئەپسانىلار
بۇ ئەپسانە خىۋەخانى باھادىرخاننىڭ «شەجەرەئى تۈرك» ناملىق كىتابدىن ئېلىندى
ئۇيغۇرلار بىر ئۇرۇشتا دۈشمەندىن مەغلۇپ بولۇپ بىر تاغ قاپتىلىدا قامىلىپ قاپتۇ. ماڭىدىغان يول تاپالماي ھالاك بولۇش خەۋپىگە دۇچ كەپتۇ. شۇنداق قىيىن ئەھۋالدا قالغاندا ئۇلار ئۇشتۇمتۇ بىر بۆرىنىڭ تاغ تەرەپكە قاراپ كېتىۋاتقانلىغىنى كۆرۈپ قاپتۇ. خەۋپتە قالغان ئۇيغۇرلار بۆرىنىڭ كەينىدىن مېڭىپتۇ، تاغنىڭ تۈۋىگە يېتىپ بارغان بۆرە ناھايىتى چوڭ بىر غارغا كىرىپ كېتىپتۇ. ئۇيغۇرلار بۆرە كىرىپ كەتكەن غارغا كىرىپ مېڭىپتۇ. قاپقاراڭغۇ غار ئىچىدە خېلى ئۇزۇن ماڭغاندىن كېيىن، غارنىڭ ئۇ بېشىدا بىر ئۇچۇقچىلىق كۆرنۈپتۇ. بۆرە غارنىڭ ئۇ بېشىدىكى چوڭ تۆشۈكتىن ئوتلار يەلپۈنۈپتۇ. بۆرە غارنىڭ ئۇ بېشىدىكى چوڭ تۆشۈكتىن ئوتلار يەلپۈنۈپ تۇرغان، سۇلار شارقىراپ ئېقىپ تۇرغان جەننەتتەك بىر يايلاققا چىقىپتۇ. ئۇيغۇرلارمۇ بۆرىنىڭ كەينىدىن مېڭىپ، شۇ يايلاققا چىقىپ، ھالاكەتتىن قۇتۇلۇپ قالىغان ئىكەن. شۇڭا ئۇيغۇرلار بۆرىنى مۇقەددەس ئىلاھى ھېسابلاپ، ئۇنىڭغا چوقۇنىدىغان بوپتۇ.