UyghurWiki
UyghurWikiئاپسانىلار«tubt» لەر ھەققىدە رىۋايەت

«tubt» لەر ھەققىدە رىۋايەت

ئەپسانىلار مەھۇت قەشقەرىنىڭ «تۈركى تىللار دىۋانى» ناملىق كىتابىدىن ئېلىندى. تۈبۈت تۈرك ئەللىرىدە ياشايدىغان بىر قوۋم. ئىپار كىيىك شۇلارنىڭ يۇرتىدىن چىقىدۇ. تۈبۈتلەر «ژابىت» ئىسىملىك بىر ئادەمنىڭ ئەۋلادىدۇر. بۇ يەمەنلىك ئادەم بولۇپ، ئۇ يەردە بىر ئادەمنىڭ ئەۋلادىدۇر. بۇ يەمەنلىك ئادەم بولۇپ، ئۇ يەردە بىر ئادەمنى ئۆلتۈرۈپ قويغانلىقتىن، جىنايىتىدىن قورقۇپ، كېمە بىلەن چىنغا كەلگەن. بۇ يەر ئۇنىڭغا ياراپ قېلىپ، شۇ يەرگە ئورۇنلىشىپ قالغان. كېيىن ئۇنىڭ ئۇرۇق - ئەۋلادى كۆپىيىپ، تۈركلەر زىمىنىدىن مىڭ بەشيۈز پەرساخ يەر ئالغان. بۇ يەرنىڭ شەرق تەرىپى چىنغا، غەرپ تەرىپى كەشمىرگە، شىمالىي تەرىپى ئۇيغۇر يۇرتىغا، جەنۇبىي تەرىپى ھىندى دېڭىزىغا تۇتىشىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئاپسانىلار