UyghurWiki
UyghurWikiئاپسانىلارتۈركلەرنىڭ ئەجدادلىرى ھەققىدە ئەپسانىلەر

تۈركلەرنىڭ ئەجدادلىرى ھەققىدە ئەپسانىلەر

ئەپسانىلار بۇ ئەپسانە گاڭ لى، يەنشۇ قاتارلىقلار تەھرىلىگەن «شىمالىي سۇلالىلەر تارىخى» 9 - توم 13 - جىلدقا ئاساسلانغان. بۇ رىۋايەتنىڭ ئەپسانىۋى تۈسى ناھايىتى كۈچلۈك بولۇپ، تارىخي پاكىتلارغا ئاساسلانغان. بۇ رىۋايەتنىڭ ئەپسانىۋى تۈسى ناھايىتى كۈچلۈك بولۇپ، تارىخىي پاكىتلارغا ئاساسلانغاندا ئۇ مىلادىدىن ئىلگىرىكى 3 - ئەسىردىن، مىلادىدىن ئىلگىرىكى 7 - ئەسىر ئارىلىقىدا پەيدا بولغان. ئېلىمىزنىڭ تارىخي كىتابلىرىدا خاتىرلەنگەن غەربىي دېڭىز، كاسپى دېڭىزى ۋە ئىسسىق كۆل بويلىرىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇنىڭ غەربىدە سىكىت (ساك) لار ئىچىدىكى ماساگىت قەبىلىسى ياشىغان. ئاشىنلار(Asana) قەدىمكى ساك تىلى بولۇپ، ئۇ «قىممەت»، «ئەتىۋار» دېگەن مەنىلەرگە ئىگە. ساكلارنىڭ تارىختا گۈلەنگەن دەۋرى مىلادىدىن ئاۋالقى 7 - ئەسىرىدىن، 3 - ئەسىرگىچە بولغان ۋاقىتلار ئىدى. جىخودى تۈزگەن «جۇنامە» نىڭ 50 - جىلدىدا كۆرسىتىلىشچە، بۇ رىۋايەتتە ئېيتىلغلان ئاشىنا ئۇرۇقنىڭ بۆرە ئەجدادى قېچىپ بارغان جاي ئىدقۇت (ھازىرقى تۇرپان) نىڭ غەربىگە جايلاشقان جىمىسار ناھىيىسىنىڭ جەنۇبىدىكى تاغدۇر. بۇ تاغ ئىچىدە بىر غار (ئەمەلىيەتتە جىلغا) بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچى تەكشى، ئوت - چۆپلىرى مول ئىكەن. «غەربىي ئەلنىڭ جۇغراپىيلىك تەسىراتى» 2 - توم 10 - جىلدتا بولسا، ئۇ تاغنى تېخىمۇ كونكىرىت ھالدا بۇغدا چوققىسى دەپ ئاتىغان. بۇ جاينىڭ جۇغراپىيىلىك جەدىۋىلىگە ئاساسلانغاندا، ئۇ يەردە كۆمۈر، تۆمۈر مادىسى كۆپ بولۇپ، قېزىلۋېلىش ئاسان ئىكەن. ئۇ يەرنىڭ بۇ خىل ئالاھىدىلىكى بىلەن تۇرا(دېڭلىڭ - ھازىرقى ئۇيغۇرلارنىڭ بىۋاستە ئەجدادى) لارنىڭ قەدىمكى زامدا تۆمۈرچىلىك بىلەن نام چىقارغانلىقى ھەققىدىكى رىۋايەتنىڭ زىچ مۇناسىۋىتى بار. تۈرۈكلەر بۇرۇن غەربىي دېڭىزنىڭ غەربىدە ياشىغانىكەن. ئۇلارنىڭ ئۇرۇقىنىڭ ئىسمى ئاشىنا بولۇپ، باشقىلىرى قەبىلە ئىكەن. ئۇلارنىڭ ھەممىسى قوشنا ئەل تەرىپىدىن يوقىتىلىپتۇ. پەقەت پۇتىلىرى كېسىۋېتىلگەن بىر ئوغۇل بالا بىر چىشى بۆرىنىڭ ئوزۇقلاندۇرۇشى بىلەن ساق قېلىپ چوڭ بوپتۇ. بۆرە بالىدىن ھامىلىدار بوپتۇ. كېيىن ھېلىقى بالا ياۋ لەشكەرلىرى تەرىپىدىن زىيانكەلىككە ئۇچراپتۇ. بۇ چاغدا بىر ئەۋلىيا ھېلىقى بۆرىنى غەرىبىي دېڭىزنىڭ شەرقىدىكى ئىدىقۇتنىڭ غەربىگە جايدايلاشقان شىمالىي تاققا ئاپىرىپ قويۇپتۇ. بۆرە ئۇ جايدا ئون ئوغۇل تۇغۇپتۇ. ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى چوڭ بولۇپ كۆپىيىپتۇ. ئۇلارنىڭ ھەر قايسىسىنىڭ ئۆزىگە خاس ئىسمى بولۇپ، ئاشىناشىر ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرى ئىكەن. ئاشناشىرنىڭ ۋاقتىغا كەلگەندە ئۇلار تاغدىن ئايرىلىپ جۇرجانلارغا تەۋە بوپتۇ.
← بارلىق تېمىلار ئاپسانىلار