«جىگدە يېغىلىقى» رىۋايىتى
ئەپسانىلار
بۇ رىۋايەت موللا مۇسا سايرامنىڭ «تارىخىي ھەمىدى» ناملىق كىتابىدىن ئېلىندى.
پەغپۇر چىن يەتتە شەھەرنىڭ تەۋەسىگە ئالغاندىن كېيىن، ئۈچ (ئۈچ _ ئۈچتۇرپان شەھىرىنىڭ قەدىمكى نامى) شەھىرىنىڭ جاھانغا زىننەت بېرىدىغان قۇيا نۇرىدەك نۇرلۇق، گۆھەردەك ئون بەش ياشلىق بىر ساھىپجامال قىزىغا مەنسەپدالارنىڭ كۆزى چۈشۈپ قاپتۇ. مەنسەپدارلار «ئۇلۇغ خانغا بۇندىن ئۇلۇغ سوغا تېپىلمايدۇ» دەپ، بۇ قىزنى خاقان چىنغا سوۋغات قاتارىدا ئېلىپ بېرىپتۇ. بۇ قىز خانغا ناھايىتى ياراپ ئۇنى ھەممە خوتۇنلىرىدىن ئارتۇق كۆرۈپتۇ. لېكىن بىر كۈنى خان قىزنىڭ غەمكىن ھالدا يىغلاپ ئولتۇرغاغلىقىنى كۆرۈپتۇ. شۇنىڭ بىلەن خان «ئەجەبا يەر يۈزىدە مەندىن ئۇلۇغ خان بولمىسا، بۇ ساھىپجامال يەنە نېمە ئۈچۈن يىغلايدۇ، ئەھۋالنى سوراپ باقاي» دەپ سوراپتۇ. قىز جاۋابەن مۇنداق دەپتۇ: «مېنىڭ يۇرتۇمدا بىر مېۋىلىك دەرەخ بار ئىدى، مېۋىسى ئالتۇندىن، ياپراقلىرى كۈمۈشتىن، يىلىمى ئەتىردىن ئىدى. شۇ دەرەخ يادىمغا چۈشتى، ئۇنى سېغىنىپ يىغلىدىم» دېگەندە خان شۇنداق يارلىق قىپتۇكى: «ئۈچ شەھىرىدە شۇ خىل دەرەخ بار ئىمىش، تېزلىك بىلەن ئوردىغا يەتكۈزۈپ كېلىنسۇن، بۇ دەرەخ مېنىڭ باغچىلىرىمغا لايىق ئىكەن.»
يارلىق يېتىپ كەلگەن ھامان مەنسەپدارلار ئۈچ شەھىرىنىڭ ھاكىمى رەھمىتۇللا بەگكە بۇيرۇق قىلىپ، بارلىق جىگدە دەرىخىنى باش خاننىڭ ھوزۇرىغا يەتكۈزۈپ، خادىن ئىلتىپات كۈتسۇن، دەپتۇ. بەگ خاننىڭ ھۆكمى بويىچە پۇقرالارغا ھاشارسېلىپ، پۈتۈن ئۈچ خەلقىنى جىگدە كۆچىتى يۆتكەشكە بويرۇپتۇ. پۇقرالار جىگدە كۆچەتلىرىنى كۆتىرىشىپ، ئون مىڭ چاقىرىم يولغا پىيادە ئاتلىنىپتۇ. تۆت پوتەي يەرگە يەتكەندە ئۇلا بىر كېچىسى مەسلىھەتلىشىپتۇ. «بۇ كۆچەتنى مەنزىلگە يەتكۈزگىچە ھەممىمىز ئۆلۈپ تۆگەيمىز، شۇڭا قۇل بولۇپ ئۆلگىچە، كۈرەش قىلىپ ئۆلەيلى» دېيىشىپ، شۇ كېچىسىلا ئىسىيان قوزغاپتۇ. جىگدە كۆچەتلىرىنى كالتەك قىلىپ، ھەيدەپ ماڭغان چېرىكلەرنىڭ راسا ئەدىپىنى بېرىپ غەلىبە قىپتۇ. بۇ ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقان خان غەزەپكە كېلىپ دەرھال ناھايىتى نۇرغۇن قوراللىق لەشكەرلىرى بىلەن ئۈچ شەھىرىگە بېسىپ كىرىپ، ھېسابسىز قىرغىنچىلىق باشلاپتۇ.خاننىڭ قىلىچىدىن ئېشىپ قالغان ئۈچ خەلقى تەرەپ _ تەرەپكە قېچىپ كېتىپتۇ. بۇنى خەلق «جىگدە يېغىلىقى» دەپ ئاتاپتۇ. شۇندىن كېيىن خەلقى قىرىلىپ تۈگىگەن «ئۈچ» شەھىرىگە كونا تۇرپاننىڭ خەلقلىرىنى يۆتكەپ كەپتۇ. شۇندىن باشلاپ «ئۈچ» سۆزىگە «تۇرپان» سۆزى قوشۇلۇپ، بۇ شەھەرنىڭ نامى «ئۈچتۇرپان» دەپ ئاتىلىپتۇ.