UyghurWiki
UyghurWikiئاپسانىلارئىپارخان ھەققىدىكى رىۋايەت

ئىپارخان ھەققىدىكى رىۋايەت

ئەپسانىلار بۇ رىۋايەتنى شىنجاڭ داشۆدىكى ئابدۇرىشىت داموللام ئېيتىپ بەرگەن. ھىدايىتۇللا غۇجا تەرىپىدىن ئۇچتۇرپانغا قوغلىۋېتىلگەن سەئىدىيە خانلىقىنىڭ سەردارى ئەمىر مۇھەممەتخاننىڭ نۇر ئەلا نۇرخان ئىسملىك بىر نەۋرىسى بولۇپ، ئۇنىڭ گۈزەللىكتە تەڭدىشى يوق ئىكەن. بۇ پەرىزات سۈپەتلىك قىزنىڭ بويىدىن تەبىئى ئىپار پۇراپ تۇرىدىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئىسمىنى كىشىلەر «ئىپارخان» دەپ ئاتاشقان ئىكەن. ئىپارخان ئاتقا مىنىشكە ماھىر بولۇپ، جەڭدە ئاجايىپ باتۇر ئىكەن. ئۇ بىر قېتىم ئىشنكرۇ (ئىشىنكرۇ - مانولۇ خانلىرىنىڭ فامىلىسى، بۇ يەردە پادىشاھ چيەنلۇڭ كۆزدە تۇتۇلغان 1799 - 1711 - ، چيەنلۇڭنىڭ ئۆز ئىسمى ئىنكرۇ خۇنراي ئىدى.) لەشكەرلىرى بىلەن بولغان جەڭدە ئەسىرگە چۈشۈپ قاپتۇ. ئىشنكرۇخان ئىپارخاننى بىر كۆرۈپلا ئاشىق - بىقارار بولۇپ ھوشىدىن كېتىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ قىزنى مەجبۇرى مەلىكىلىككە قوبۇل قىپتۇ. ئىپارخاننىڭ رايىنى تارتىش ئۈچۈن ئۇنىڭغا قىلمىغان خۇشامىتى قالماپتۇ. نېمە تەلەپ قىلسا شۇنى دەرھال بېجىرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپتۇ. لېكىن ئەل - يۇرت پىراقىدا باغرى كۆيۈپ ئاتەش بولغان ئىپارخان خاننىڭ بۇ ئىلتىپاتلىرىغا قىلچە پىسەنت قىلماي، ھەمىشە مۇڭلىنىپ غەمكىن ئۆتۈپتۇ. بۇ ھالنى سەزگەن ئىشنكرۇ خان ئىپارخاننىڭ كۆڭلىنى كۆتىرىش ئۈچۈن ئۇنىڭ يەركەندىكى ئۇرۇق _ تۇغقان، يۇرتداشلىرىنى بېيجىڭغا مەجبۇرى كۆچۈرۈپ كېلىپ، ئوردا يېنىدىن مەخسۇس مەھەللە ئاجرىتىپ، ئۇلارنى ئولتۇراقلاشتۇرۇپتۇ ۋە بۇ قېرىنداشلىرى بىلەن ئىپارخاننىڭ ھال _ مۇڭ بولۇپ ئۆتۈشىگە شەرت ھازىرلاپ بېرىپتۇ. تىرەلمەپتۇ. بۇ مەلىكە يەنىلا خانغا كۆڭلىنى بەرمەي، خاپىچىلىق ئىچىدە ئۆتۈۋېرىپتۇ. ئامالىسز قالغان خان ئىپارخاننىڭ يېنىغا كىرىپ: «ئى، مەلىكەم! سىزگە بارلىق شاپائىتىمنى كۆرسەتتىم. لەنمەي، يەنە نېمىشقا ئۆزىڭىزنى مۇنچىۋالا ئاۋارچىلىققا سالىسىز؟ چىرايىڭىز كۈنسېرى سارغىيىپ كېتىۋاتىدۇ، سىزگە يەنە نېمە لازىم؟ ئېيتىڭ، مەن بىجا كەلتۈرىمەن» دەپ سوراپتۇ. شۇندا ئىپارخان يەنە خانغا غەزەپ بىلەن تىكىلىپ: «مېنىڭ يۇرتۇمدا مېۋىسى ئالتۇن، يوپۇرمىقى كۈمۈش، شېخى پولات، ھىدى ئىپار بولغان بىر دەرەخ بارئىدى، شۇنى سېغىندىم» دەپتۇ. «بۇ قانداق دەرەختۇر؟» دەپ ھەيران قالغان خان دەرھال لەشكەر بېشى سۈچىڭ بىلەن ھاكىم بەگ ئەبەيدۇللاغا مۇشۇنداق دەرەخنى دەرھال ئوردىغا كۆچۈرۈپ كېلىشكە پەرمان چۈشۈرۈپتۇ. سۇچىڭ بىلەن ھاكىم بەگ، خان تەلە قىلغان بۇ خاسىيەتلىك دەرەخنىڭ جىگدە ئىكەنلىكىنى قارارلاشتۇرغاندىن كېيىن، پۈتۈن ئۈچتۇرپان خەلقىغە سېلىق چۈشۈرۈپ، يۈز ياغاچ تۇڭغا جىگدە كۆچىتى كۆچۈرۈ بېيجىڭغا يۆتكەش بۇيرۇغىنى ساپتۇ. مەجبۇرى ھالدا نەچچە مىڭلىغان يوقسۇل دېھقانلارغا جىگدە كۆچۈرۈلگەن يوغان ياغاچ تۇڭلارنى كۆتەرگۈزۈپ، ئۇچتۇرپاندىن ھەيدەپ مېڭىپتۇ. مەھبۇسلار ئۇسسىزلىق ۋە ئاچلىق ئازاۋىدا بىر كېچە - كۈندۈز يول يۈرگەندىن كېيىن بىر قونالغۇدا مەسلىھەت قىلىشىپتۇ: «خاننىڭ بۇ يارلىقى ھەممىمىزنى ئۆلۈمگە ئېلىپ بارىدۇ. مەنزىلگە يېتىپ بارغىچە ھەممىمىز ئۆلۈپ تۈگەيمىز. يېتىم ئۆلگىچە ئېتىپ ئۆل دەپتىكەن. جاننى بۇنداق قىينىغىچە يا ئۆلۈم _ يا كۆرۈم بىراق قوزغىلايلى» دەپ ۋەدىلىشىپتۇ. پىغانى تاشالماي ئاران تۇرغان يىگىتلەر شۇئان ئاۋاز قوشۇپ ھەرىكەتكە ئۆتۈپ، جىگدە قاچىلانغان ھەممە تۇڭلارنى چېقىپ تاشلاپتۇ. قولىغا تاياق - توقماق ئالغان قوزغىلاڭچىلار شۇ كېچىدىلا بىر تۈمەنگە يېتىپتۇ. سۇچىڭ ۋە ھاكىم بەگنى ئۆلتۈرۈپ، ئۇنىڭ چېرىكلىرىنىڭ راسا ئەدىپىنى بېرىپتۇ. بۇ «جىگدە يېغىلىقى» دەپ ئاتىلىپتۇ. خاننىڭ جىگدە كۆچۈرۈش پەرمانى بەربات بولغاندىن كېيىن ئىشنكرۇخان قەھرى - غەزەپكە كېلىپ، ئىپارخاننى قاتتىق ۋاستىلار بىلەن قولغا كەلتۈرۈشكە ئۇرۇنۇپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر كۈنى ئۆزىنىڭ مەقسىدىگە يەتمەكچى بولۇپ، ئىپارخاننىڭ ھوجرىسىغا كىرىپ زورلۇق ئىشلەتكەن ئىكەن، بۇ ئىپپەتلىك قىز قارشىلىق كۆرسىتىپ، قونجىدىكى پىچاق بىلەن خاننى يېنىك يارىلارندۇرۇپتۇ. شۇنداق قىلىسىمۇ ھېلىگەر خان بۇ پەرىزات قىزدىن زادى كۆڭلىنى ئۈزەلمەپتۇ. «بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن تۈزۈلۈپ قالار» دەپ ئىپارخاننى ئاپىسىغا تاپشۇرۇپ، ئۆزى باشقا جايغا ساياھەتكە كېتىپتۇ. ئوردىنى باشقۇرۇپ تۇرغان ئىشنكرۇ خاننىڭ ئانىسى ئۆز ئەتراپىدىكى خۇشامەتچى مەلىكە، خانىشلار بىلەن: «ئىشىنكرۇ دۆلەت خانى تۇرۇقلۇق نەسەپسىز بىر ئاددىي ئايالغا پۈتۈنلەي ئەسىر بولۇپ كەتتى. ناۋادا ئۇنىڭدىن پەرزەنت كۆرۈپ قالسا، خانلىق تەختىمىزنىڭ ۋارىسى بولۇپ قالىدى، ئۇ چاغدا بىزنىڭ نەسەبىمىز ئۈزۈلىدۇ. شۇڭا بۇ ئايالنى دەرھال كۆزدىن يوقىتىش كېرەك» دەپ سۈيقەست پىلانلاپتۇ. ئىشنكرۇخان قايتىپ كەلگەندە ئوردا خانىشلىرى بىرلىكتە: «ئىپارخان زەھەر ئىچىپ ئۆزىنى ئۆزى ئۆلتۈرۈۋالدى» دەپ مەلۇم قىلىشىپتۇ. ئىپارخاننىڭ ئىشق - پىراقىدا كۆيگەن خان قاتتىق ئازاپ ئىچىدە قاپتۇ ۋە ئۇزۇن ئۆتمەي كۆيۈك دەردىدە ئۆلۈپتۇ. ئىپارخاننىڭ جەسىدى ئاشۇ جايدىكى خانلىق قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلىنغانىكەن.
← بارلىق تېمىلار ئاپسانىلار