UyghurWiki
UyghurWikiئاپسانىلارئىمام مالىك ئەجدەر رىۋايىتى

ئىمام مالىك ئەجدەر رىۋايىتى

ئەپسانىلار بۇ رىۋايەت خەلق ئارىسىدىن توپلاندى. ئىمام مالىك ئەكبەر ئەسلىدە سەمەرقەنتنىڭ دەبىدىن كەلگەن بولۇپ، ئۇ ھەزرىتى موللام (مەھمۇت قەشقەرى) نىڭ شاھگىرتى ئىدى. ھەزرىتى موللام ئالىم كىشى ئىدى، ئىمام مالىك ئەھلى غازات كىشى ئىدى. «ھەزرىتى موللام بېغى» خەلقنى ئەجدىھانىڭ ھالاك قىلىشىدىن قۇتقۇزۈش ئۈچۈن ھەزرىتى موللام ئۆز شاگىرتى ئىمام مالىك ئەكبەرگە ئۇنى يوقىتىشنى بۇيرۇغان. شۇنىڭ بىلەن ئىمام مالىك ئەكبەر بۇ ئەجدىھانى ھالاك قىلغان. شۇ جەرياندا ئۇنىڭ تېنى ئەجدىھانىڭ زەھىرى بىلەن زەھەرلەنگەچكە، ئىمام مالىك ئەكبەر مېنى كۆك ئىنەكنىڭ سۈتىدە يۇيۇڭلار، دېگەندىكەن. كۆك ئىنەكنىڭ سۈتى يېتەرلىك بولماي پۈتۈن ئەزايىنى يۇيۇشقا يەتمىگەنلىكتىن، ئۇ ۋاپات بولغانىكەن. ئەجدىھانى ئۆلتۈرگەنلىكى ئۈچۈن شۇندىن باشلاپ ئۇنىڭ ئىسمى ئىمام مالىك ئەجدەر دەپ ئاتىلىپ كەلگەنىكەن. ئىمام مالىك ئەجدەر شۇ يەرگە دەپنە قىلىنغاندىن كېيىن كىشىلەر ئۇنىڭ مازىرىنى «ئىماملىرىم» دەپ ئاتايدىغان بوپتۇ.
← بارلىق تېمىلار ئاپسانىلار