ناۋايى ھەققىدىكى رىۋايەت
ئەپسانىلار
يۇقىرىقى ئىزاھات بىلەن ئوخشاش.
ھۈسەيىن مىرزىنىڭ (ھۈسەيىن مىرزا _ مىلادى 1470 - 1505 - يىللىرى ئۆتكەن خۇراسان پادىشاھى ھۈسەيىن بايقا رانى كۆرسىتىدۇ. ئەلىشىر ناۋايى 1472 - يىلى بايقا راغا ۋەزىر بولغان، 1476 - يىلدىن باشلاپ، سارايدىن ئۆزىنى چەتكە ئېلىپ، يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. ناۋايى 1441 - يىلى 2 - ئاينىڭ 9 - كۈنى ھىراتتا تۇغۇلۇپ، 1501 - يىل 1 - ئاينىڭ 3 - كۈنى ۋاپات بولغان) قىرىق ۋەزىرى بولغان ئىكەن. قىرىقىنچسى ئەلىشىر ناۋايى ئىكەن. بىر كۈنى بىر كەم قىرىق ۋەزىرى ناۋايىغا تۆھمەت قىلىپ، ئىغۋا تارقىتىپ، ئۇنى ھۈسەيىن مىرزىغا چېقىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ھۈسەيىن مىرزا ناۋايىنى ۋەزىرلىكتىن ئېلىۋېتىپتۇ.
بىر كۈنى ھۈسەيىن مىرزا تورۇسقا قاراپ يېتىپ ۋەزىرلەرگە: «ئېلىپ كېلىڭ!» دەپتۇ. ۋەزىرلەر چىلىم كەلتۈرۈپتۇ. شۇ چاغدا ھۈسەيىن مىرزا يەنە: «ئېلىپ كېلىڭ!» دەپتۇ. ۋەزىرلىرى بىلگەن، مۆلچەرلىگەن نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى بىرمۇ بىر قالدۇرماي مىرزىنىڭ ئالدىغا كەلتۈرۈپتۇ، ھۈسەيىن مىرزا ھامان: «ئېلىپ كېلىڭ!» دەپ قايتا بۇيرۇۋېرىپتۇ. ۋەزىرلەر ھەيران قېلىشىپ، ھۈسەيىن مىرزىغا قاراپ: «تەقسىر، پۈتۈن نەرسىنى كەلتۈردۇق، لېكىن سىزنىڭ ئويلىغىنىڭىزنى زادى تاپالمىدۇق» دېيىشىپتۇ.
ھۈسەيىن مىرزا: «ئەتە تاڭ سەھەرگىچە، مەن ھەرەمخانىدىن چىققۇچە شۇنى تېپىپ قويۇڭلار، بولمىسا ھەممىڭلارنى ئۆلتۈرىمەن» دەپ ھەرەمخانىغا كىرىپ كېتىپتۇ.
ۋەزىرلەر ئۆز ئارا مەسلىھەت قىلىشىپتۇ. ۋە: «بىرىمىز ناۋايىنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئۇنىڭدىن سوراپ، بۇ سىرنى بىلىپ كەلمىسەك، بىز ئۆنى تاپالمايمىز» دېيىشىپتۇ.
بۇلارنىڭ ئىچىدە بىرىنىڭ ناۋايى بىلەن ئالاقىسى ياخشى ئىكەن. شۇ ۋەزىرگە: «سەن بېرىپ ناۋايىدىن مىرزىنىڭ ئىزلىگىنىنى بىلىپ كەل» دەپ تاپشۇرۇپتۇ. ھېلىقى ۋەزىر ناۋايى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇنىڭغا بۇ ۋەقەنى ئېيتىپتۇ: «ھۈسەيىن مىرزا تورۇسقا قاراپ يېتىپ، ئېلىپ كېلىڭ دەيدۇ. نېمىنى ئېلىپ كەلسەم ئۇنڭغا قاراپمۇ قويماي يەنە ئېلىپ كېلىڭ! دەيدۇ. ئۇنىڭ تەلەپ قىلغىنىنى ھېچ تاپالمىدۇق. سىز شۇنى ئېيتىپ بەرمىسىڭىز، ئۇ ئەتە تاڭ سەھەردە ھەممىمىزنى ئۆلتۈرىدۇ.»
شۇندا ناۋايى دەپتۇ: «سىز بىر ئۇستا ياغاچچى ئېلىپ بېرىڭ، بىر قولىدا ھەرىسى، بىر قولىدا چوتى (ئاي پالتىسى) بولسۇن.»
ئەتىسى سەھەدە مىرزا ھەرەمخانىدىن چىقىپ، ۋەزىرلىرىگە قاراپ: «تاپتىڭلامۇ؟» دەپتۇ. ۋەزىرلەر: «ھەئە» دەپ ھېلىقى ئۇستا بىلەن ھەرە، چوتنى ئېلىپ كىرىپتۇ. ھۈسەيىن مىرزا ئۇستىغا قاراپ: «مانا بۇ مېھراپ (مەرەپ) نى تۈزەت!» دەپ بۇيرۇپتۇ. ۋەزىرلەر قارىغۇدەك بولسا، ھۈسەيىن مىرزا قاراپ ياتقان تورۇسنىڭ مېھراپ تەرىپى بۇزۇلغانىكەن.