UyghurWiki
UyghurWikiئاپسانىلار«ئۇيغۇر» ھەققىدىكى ئەپسانە

«ئۇيغۇر» ھەققىدىكى ئەپسانە

ئەپسانىلار بۇ ئەپسانە «تارىخىي ئومۇمىيە» دېگەن كىتابتىن ئېلىندى. ياپەس ئەۋلادىدىن بولغان تۈرك ئىسىق كۆل ئەتراپىغا جايلىشىپتۇ. بۇ يەرگە تۈرك ئەۋلادىدىن ئەلىنجى خان، ياغدى خان، كۆيۈك خان، كېيىنچىرەك ئالىنجە خان ھۆكۈمدارى بوپتۇ. ئالىنجە خان ئۆلۈش ئالدىدا مەملىكىتىنى تاتار، مۇڭغۇل ناملىق ئىككى ئوغلىغا تەقسىم قىلىپ بېرىپتۇ... مۇڭغۇل خان ۋاپات بولغانىدىن كېيىن ئورنىغا ئوغۇزخان ئولتۇرۇپتۇ. بۇ ئوغۇل قاراخاننىڭ چوڭ خوتۇنىدىن تۇغۇلغان بولۇپ، بىر ياشقا تولغاندا ئۆزىنىڭ ئېتىنى ئۆزى «مېنىڭ ئىسمىم ئوغۇز» دەپ قويۇپتۇ. ئۇ چاغدا بالا بىر ياشقا كىرمىگىچە ئات قويۇلمايدىكەن... شۇنداق قىلىپ، قاراخان بىلەن ئوغۇز ئوتتۇرىسىدا جەڭ بوپتۇ. ئۇرۇشتا قاراخاننىڭ قىرىنداشلىرى، ئەۋلادلىرى، ئوغۇلىرى تامەن ئوغۇز تەرىپىگە ئۆتكەن ئىكەن. ئوغۇزخان بۇلار بىلەن ئىتتىپاق ئۆتۈپتۇ ۋە ئۇلارنى ئوغۇزخان «ئۇيغۇر» دەپ ئاتاپتۇ.
← بارلىق تېمىلار ئاپسانىلار