UyghurWiki
UyghurWikiئاپسانىلار«مۇق يولى» رىۋايىتى

«مۇق يولى» رىۋايىتى

ئەپسانىلار يۇقىرىقى ژورنالدىن ئېلىندى. قاراخانىلارنىڭ كىيىنكى دەۋرلىرىدە ئوردا ئىچىدە ئۆز ئارا ھوقۇق تالىشىپ ھېسابسىز قىرغىنچىلىق بالاسى يۈز بېرىپتۇ. مەھمۇتنىڭ دادىسى ھۈسەيىن مۇشۇ قىرغىنچىلىقتا قازى تېپىپتۇ. بەختكە يارىشا ئامان قالغان ئالىم مەھمۇت بۇ يەردە تۇرسا ھاياتىغا خەۋپ يېتىدىغانلىقىغا كۆزى يېتىپ، ئانىسى بۈبى رابىيەنىڭ مەسلىھىتى بىلەن پامىردىكى «مۇغ» قەلئەسى ئارقىلىق باغداتقا يول ئاپتۇ. بۇ يول ئادەتتە كىشىلەر يۈرمەيدىغان، پەقەت قۇشلارلا ئۆتەلەيدىغان خەتەرلىك يول بولغاچقا، ئۇنىڭ نامى «قۇش يولى» ئىكەن. شۇ سەۋەپلىك بۇ ئۆتكەلدىن ئۆتكەن كىشىلەر خەلق ئېغىزىدا داستان بولۇپ، ئۇلارغا پالانى مۇق، پۇستانى مۇق (ئەسلىدە «مۇرغ» بولۇپ فارىسچە سۆز، مەنىسى قۇش دىمەكتۇر) دەپ لەقەم بېرىلىدىكەن. مەھمۇت بۇ يولدىن ئۆتكەندىن كېيىن كىشىلەر بۇ ئۆتكەلنى «ھەزرىتى مۇق يولى» دەپ ئۇلۇغلاشقا باشلاپتۇ. مەھمۇت كەتكەندىن كېيىن ئانىسى بۈبى رابىيە ئوزاق كۈتۈپتۇ. ئۇزۇن يىللارغىچە مەھمۇتتىن خەۋەر بولمىغاچقا، بۈبى رابىيە شۇ «مۇق يولى» غا قاراپ بالىسىنى ئىزلەپ مېڭىپتۇ ۋە ئاخىرى بالىسىنىڭ دەردىدە ۋاپات بوپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئەل _ يۇرتى «مۇق يولى»غا ئۆتىدىغان چوڭ يول بويىدىكى «كۆۋرۈك بېشى» دېگەن يەرگە بۈبى رابىيە مازىرىنى تىكلەپ، مىڭ يىللاردىن بۇيان ئۇنى «ئەۋلىيالار مازىرى» قاتارىدا ئۇلۇغلاپ كەپتۇ.
← بارلىق تېمىلار ئاپسانىلار