ناۋايى ھەققىدىكى رىۋايەت
ئەپسانىلار
بۇ رىۋايەت تاشكەنتتە نەشر قىلىنغا «ئەدەبىيات خىرستۇماتىيىسى» دىن ئېلىندى.
بىر ياش يىگىت مەدىكارچىلىق بىلەن كۈن كەچۈرىدىكەن. ئۇ يۈرگەن يولدا كىشىلەر ئوتتۇرىسىدا بولغان جاڭجاللارنى ئاجرىتىپ، بىراۋنىڭ ھارۋىسى پاتقاققا پېتىپ قالغان بولسا، يارىدەملىشىپ چىقىرىشىپ، خەلققە كۆپ ياردىمى تېگىپ يۈرەر ئىكەن. بۇ يىگىتتىكى خىسلەتنى كۆرگەن ناۋايى ئۇنى ھۆرمەتلەپ، قاچان كۆرسە يىگىتكە ئالدى بىلەن سالام بېرىپ ئۆتىدىكەن. يىگىت ناۋايىنىڭ بۇ ھۆرمەت _ ئىكرامىغا ئەجەپلىنىپ «مەن ئەتىدىن كەچكىچە كىشىلەرنىڭ جاڭجاللىرىنى ئاجرىتىپ، پاتقاققا پېتىپ قالغان ھارۋىلارنى چىقىرىشىپ يۈرسەم، ئۆمرۈمدە ئوقۇمىساممۇ، روزى تۇتمىساممۇ ناۋايى مېنى مۇنچىلىك ھۆرمەت قىلىدۇ. مۇنداق يۈرۈشتىن پايدا يوق، بالا _ چاقام بولمىسا، ماڭا بۇ دۇنيانىڭ نېمە كېرىكى بار» دەپ «ئەۋلىياغا قول بېرىپ»، بىر ئەتىكاپخانىدا ئەتىدىن كەچكىچ ھېچكىم بىلەن ئىشى بولماي، دۇئاتىلاۋەت قىلىپ ئولتۇرىدىغان بوپتۇ. بىر كۈنى يىگىت ئەتىكاپخانىدا تەسۋى سېرىپ ئولتۇرغان ئىكەن. ناۋايى بىر يىگىت بىلەن گەپلىشىپ ئۇنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ قاپتۇ. ئەتىكاپخانىدا ئولتۇرۇغان يىگىت «ناۋايى ئىنتايىن كارامەتلىك ئادەم ئىكەن، نامازخان بولۇپ، دۇئا - تىلاۋەت قىلىشىمىز ئالدىن بىلىپ مېنى ھۆرمەت قىلغان ئىكەن» دەپ، ئورنىدىن تۇرۇپ تازىم بىلەن سالام قىپتۇ. ناۋايى ئۇنىڭ سالىمىنى ئىلىك ئېلىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئۇنىڭ ئەپتىگىمۇ قارىماي ئۆتۈپ كېتىپتۇ. ئەتىكاپخانىدىكى يىگىت «ناۋايى يېنىدىكى يىگىتنىڭ گېپىگە بېرىلىپ، مېنى بايقىماي قالغان بولۇشى كېرەك» دەپ ئۆزىگە تەسەللى بېرىپتۇ. ئارىدىن ئۈچ _ تۆت كۈن ئۆتەر - ئۆتمەي ناۋيى يەنە شۇ يىگىت بىلەن گەپلىشىپ مېڭىپ، بۇ يەرگە كەپتۇ. ئەتىكاپخانىدىكى يىگىت ئورنىدىن تۇرۇپ سالام بېرىپتۇ. ناۋايى يەنە بۇرۇنقىدەك ئۈندىمەي ئۆتۈپ كېتىۋېرىپتۇ. يىگىت ھەيران بولۇپ ناۋايىدىن: «تەقسىر، بىر ئۆمۈر پىشانەم سەجدىگە تەگمەي، كوچىلادا ۋاقىراپ _ جاقىراپ يۈرگىنىمدە سالام بېرىپ ئۆتەر ئىدىڭىز، ئەمدى مەن ئەتىدىن كەچكىچە دۇئا _ تىلاۋەت قىلىپ ئولتۇرۇپ، سىزگە سالام بەرسەم ئىلىك ئالمايسىز، بۇنىڭ سەۋەبى نېمە؟» دەپ سوراپتۇ. شۇندا ناۋايى: «سەن ئاشۇ ۋارقىراپ _ جارقىراپ يۈرگىنىڭدە خەلققە پايداڭ تېگىپ تۇرار ئىدى، ئەمدى بولسا سەھەردىكى ناشتىلىقىڭ بىلەن كەچقۇرۇنلۇق تامىقىڭنىڭ غېمىدە ئەتىدىن كەچكىچە خالايىققا كۆز تىكىپ، تاما قىلىپ ئولتۇرىسەن. سالىمىڭنى ئىلىك ئالماسلىقىمنىڭ سەۋەبى شۇ» دەپتۇ.
شۇندىن كېيىن ناۋايىنىڭ بۇ سۆزلىرى يىگىتكە قاتتىق تەسىر قىلىپ، يەنە ئۆزىنىڭ ئاۋالقى ئىشىنى داۋاملاشتۇرغانىكەن.