توپاق بالاسى ھەققىدىكى ئەپسانە
ئەپسانىلار
بۇ ئەپسانە مىللەتلەر نەشرىياتى نەشر قىلغان «تارىخىي مۇسقىيۇن» دېگەن كىتابتىن ئېلىندى.
ئاللا ئىنسانلارنىڭ گۇناھلىق ئىشلىرى سەۋەبىدىن يەر يۈزىنى توپان بالاسى بىلەن ۋەيران قىلىش ئالدىدا، نۇھ ئەلەيھىسسالامغا بىر كېمە ياساپ، پۈتۈن ئائىلىسى بىلەن شۇ كېمىگە چىقىۋېلىش ۋە ھەر جىنستىكى ھايۋاناتلاردىن بىر جۈپتىن ئېلىۋېلىش توغرىسىدا بۇيرۇق بېرىدۇ. نەتىجىدە يەر يۈزىدىكى پۈتۈن ھاياتلىق توپان سۈيىدە ھالاك بولۇپ، پەقەت نوھ ئەلەيھىسسالامنىڭ ئائىلىسى بىلەن كېمىگە چىقىرىۋېلىنغا جان _ جانۋارلارلا ئامان قاپتۇ. بىر يۈز ئەللىك كۈنلۈك توپان بالاسىدىن كېيىن، نوھ بىر كەپتەرنى قويۇپ بېرىپتۇ. كەپتەر بىر تال يېڭى زەيتۇن شېخىنى چىشلەپ قايتىپ كەپتۇ. نوھ توپاق بالاسى ئاخىرلىشىپ، جاھان تېچلانغانلىقىنى بىلىپتۇ ۋە ئارارات تېغىدا قىرغاققا چىقىپتۇ. يەر يۈزىدە ئىككىنچى قېتىملىق ھاياتلىق باشلنىپتۇ.