UyghurWiki
UyghurWikiئاپسانىلار«قارا قوشۇن» رىۋايىتى

«قارا قوشۇن» رىۋايىتى

ئەپسانىلار بۇ رىۋايەتنى لوپنۇر ناھىيىسىدىن غوپۇراخون ئاكا ئېيتىپ بەرگەن. ئوغۇزخاننىڭ چوڭ سەركەردىلىرىدىن بىرى بولغان «قالاچ» كېيىنرەك لوپنۇر كۆلىنىڭ غەربىي جەنۇبىي تەرىپىگە كېلىپ ئولتۇراقلىشىپتۇ ۋە ئۆز ئالدىغا بىر خانلىق قۇرۇپتۇ. ئۇلار ھونلارنىڭ ھۇجۇمىدىن مۇداپىئە كۆرۈش مەقسىدىدە بۈيۈك بىر قۇشۇن ئۇيۇشتۇرۇپ، «قارا»نى ئۇنۋان سۈپىتىدە قوللىنىپ، ئۆزىلىرىنى «قارا قوشۇن» لۇقلار دەپ ئاتاپتۇ. بۇ نام «يۈكسەك قوشۇن»، «بۈيۈك قۇشۇن» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىكەن. بۇ قوشۇن بېشىغا پۆپىكى بار قارا بۆك، ئۈستىگە قاراپ ماتادىن كىيىم كىيگەنىكەن.
← بارلىق تېمىلار ئاپسانىلار