ئۇيغۇر خاقانى _ بۆكۈتېكىن ئەپسانىسى
ئەپسانىلار
بۇ ئەپسانە ئىستامبۇلدا نەشر قىلىنغان «بۈيۈك تۈرك يارىخى» دېگەن كىتابتىن ئېلىندى.
ئۇيغۇر ئېلىدە خولىن (قارا قۇرۇم) ناملىق بىر تاغ بارىكەن. بۇ تاغدىن توغلا ۋە سېلىنگا نالىق ئىككى دەريا ھاسىل بولغانىكەن. بىر كېچىسى بۇ ئىككى دەريانىڭ ئارىسىدىكى ياغاچنىڭ ئۈستىگە ئاسماندىن بىر زەڭگەر نۇر چۈشۈپتۇ. ئىككى دەريا ئارىسىدا ياشىغۇچى خەلق ئۇنى دىققەت بىلەن كۆزىتىپتۇ. مۇقەددەس نۇر دەرەخنىڭ گەۋدىسىدە ئايلارچە تۇرۇپتۇ. دەرەخنىڭ گەۋدىسى بارغانسېرى كېڭىيىشكە باشلاپتۇ. مۇڭلۇق مۇزىكا ئاھاڭلىرى ئاڭلىنىپ، كېچىلىرى ئوتتۇز قەدەم ئەتراپتىكى يەرگە نۇر چۈشۈشكە باشلاپتۇ. بىر كۈنى ياغاچنىڭ گەۋدىسى يېرىلىپ، ئىچىدىن بەش بوۋاق چىقىپتۇ. بۇلا نۇردىن تۇغۇلغان مۇقەددەس بالىلار ئىكەن. ھەممە كىشى بۇ بالىلارنى ناھايىتى ھۆرمەتلەپتۇ. بۇ بالىلارنىڭ ئىسىملىرى چوڭ _ كىچىكلىك تەرتىپى بىلەن سوڭگۇر تېكىن، ئىسىملىرى چوڭ - كىچىك تەرتىپ بىلەن سوڭگۇر تېكىن، قوتۇر تېكىن، تۈكەك تېكىن، ئور تېكىن ۋە بۆكۈ تېكىن دەپ ئاتىلىپتۇ. بۇ بالىلارنىڭ تەڭرى تەرىپىدىن ئەۋەتلىگەنلىكىگە ئىشەنگەن ئۇيغۇرلار، بۇلارنىڭ بىرىنى ھۆكۈمدار قىلىشنى قارار قىلىشىپتۇ. بۆكۈ تېكىن گۈزەللىكتە، ئەقىل ۋە ئەمەلىيەت جەھەتتە باشقىلاردىن ئۈستۈن بولغىنى ئۈچۈن ئۇنى ھەممەيلەن بىردەك قاغانلىققا سايلاپتۇ، داغدۇغىلىق مۇراسىم قىلىپ تەختىكە ئولتۇرغۇزۇپتۇ.