UyghurWiki
UyghurWikiئاپسانىلارئۇيغۇرلارنىڭ كېلىپ چىقىشى ھەققىدىى ئەپسانە

ئۇيغۇرلارنىڭ كېلىپ چىقىشى ھەققىدىى ئەپسانە

ئەپسانىلار بۇ ئەپسانە «مەدىنىي يادىكارلىقلار» ژۇرنىلىنىڭ 64 - يىل 2 - سانىغا بېسىلغان خۇاڭ ۋېنبىڭنىڭ ماقالىسىدىن ئېلىندى. قۇجۇ ئىدىقۇتلىرىنى تەكشۈرۈپ كۆزىتىشتىن مەلۇم بوپتۇكى، ئۇيغۇرلار يۇرتىدا خىلىن دېگەن بىر تاغ بولۇپ، ئۇ يۇرتىكى ئىككى دەريا ئەنە شۇ تاغنى مەنبە قىلغانىكەن. ئۇنىڭ بىر توخۇسى دەرياسى، يەنە بىرى شولىڭگې دەرياسى دەپ ئاتىلىدىكەن. بىر كۈنى كەچتە ئاسماندىن دەرەخقە شولا چۈشۈپتۇ. ئىككى دەريا ئارلىقىدىكى خەلقلەر ئۇنى كۆزىتىپ تۇرۇپتۇ، بۇ دەرەخ خۇددى قورساق كۆتۈرگەن ئادەمگە ئوخشاش قورساق سېلىپ قاپتۇ. بۇ شۇلا دەرەخقە ئۇدا توققۇز ئاي ئون كۈن چۈشكەندىن كېيىن، ھېلىقى دەرەنىڭ قورسىقى يېرىلىپتۇ، ئۇنىڭدىن بەش بالا چىقىپتۇ. بۇلارنىڭ ئەڭ كىچىكى ئەردەن بۇگۇ خاقان ئىكەن. ئۇ قەددى - قامەتلىك ئىكەن. بۇ خەلقنى ئاينىتىپتۇ ۋە يۇرتنى گۈللەندۈرۈپتۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۇ ئاقساقال بوپتۇ.
← بارلىق تېمىلار ئاپسانىلار