UyghurWiki
UyghurWikiئاپسانىلارئىككى يول باشچى

ئىككى يول باشچى

ئەپسانىلار بۇ رىۋايەت پارس تارىخچىسى رەشدىنىڭ «تارىخىي جامىئۇل» (ئومۇمى تارىخ) ناملى ئەسىرىدىن ئېلىندى. خاڭگاي تېغىنىڭ باغرىدا ئون ئېقىن بار ئىكەن، ئۇ يەردە ياشايدىغان ئۇيغۇرلار ئون ئوغۇز (ئون ئۇيغۇر) قوۋھى دەپ ئاتىلىدىكەن. خاڭگاي تېغىنىڭ يەنە بىر تەرىپىدە توققۇز ئېقىن بار ئىكەن، ئۇ يەردە ياشايدىغان ئۇيغۇرلار توققۇز ئوغۇز (توققۇز ئۇيغۇر) دەپ ئاتىلىدىكەن. بۇ ئىككى جايدا ياشايدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئاقساقىلى يوق ئىكەن. كۈنلەر ئۆتۈپتۇ. يىللار ئۆتۈپتۇ. بىرەر ئىش بولۇپ قالسا، ھەر ئىككى قوۋمىنىڭ ئىچىدىن كۈچلۈكرەك بىرى چىقىپ باشقىلارغا ئاقساقال بولىدىكەن _ دە، ئىككى تەرەپتىكى ئۇيغۇر قوۋمىغا يولباشچىلىق قىلىدىكەن. كۈنلەرنىڭ بىرىدە بۇ يەردىكى ئۇيغۇرلار ئىككى يولباشچى بولمىسا زادى بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىشىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن چوڭ قۇرلتاي ئىچىپ، ئون ئۇيغۇرلار قوۋمىدىن ئىككى كىشىنى يولباشچىلىققا سايلىشىپتۇ. ئۇلارنىڭ بىرى «ئېلىچۇ» دەپ ئاتىلىدىكەن، يەنە بىرى «كۆل ئېركىن» دەپ ئاتىلىدىكەن. بۇ ئىككى يولباشچىنىڭ ئورنى ۋە ھوقۇقلىرى بىر بىرى بىلەن ئوخشاش ئىكەن.
← بارلىق تېمىلار ئاپسانىلار