UyghurWiki
UyghurWikiئاپسانىلارجۇداخلار ھەققىدە رىۋايەت

جۇداخلار ھەققىدە رىۋايەت

ئەپسانىلار جۇداخ مۇڭغۇلچە سۆز بولۇپ، جۇبۇت، داخ _ تاۋاپ قىلىش مەنىسىدە. بۇ رىۋايەتنى 1978 - يىلى لوپنۇرلۇق يەتمىش سەككىز ياشقا كىرگەن خەلق قوشاقچىسى ئۇزۇن مۇھەممەت ئېيتىپ بەرگەن. چىڭگىزخان دەۋرىدە موڭغۇللار بۇتقا تاۋاپ قىلىش ئۈچۈن يىلدا بىر قېتىم تىبەتكە بارىدىكەن، ئۇلارغا يول ئۈستىدە لوپنۇردىن ئۆتۈشكە توغرا كېلىدىكەن. بۇ يەرنىڭ ھەممە ئەتراپى چەكسىز دېڭىزدەك بولغاچقا كۆلنى كېسىپ ئۆتەلمەپتۇ. ئۇلار كۆلدىن ئۆتۈشنىڭ چارىسىنى تاپالماي تۇرغاندا ئەتراپتىكى ئاراللاردىن كۆپلىگەن بېلىقچىلارنىڭ كېمىلەرگە ئولتۇرۇپ بېلىق تۇتۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، بۇ ھۈنەرگە بەك قىزىقپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بېلىقچىلانى چاقىرىپ كۆلدىن ئۆتكۈزۈپ قويۇشنى تەلەپ قىپتۇ. بېلىقچىلار ئۇلاردىن سوراپتۇ: «سىلەر نېمە ئادەم، نەگە بارىسلەر؟» بۇلار: «بىز جۇداخلار، تىبەتكە بارىمىز» دەپ جاۋاب بېرىشىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بېلىقچىلار بۇ جۇداخلارنى مال _ مۈلكى، ئات _ ئۇلاقلىرى بىلەن قوشۇپ كېمىلەرگە سېلىپ، كۆلنىڭ شەرق تەرىپىگە ئامان _ ئېسەن ئۆتكۈزۈپ قويۇپتۇ. جۇداخلارنىڭ ئاقساقىلى ئۇلارغا يەنە: «بىز ياشىغان جايلاردىمۇ دەريا - كۆللەر بار، بىراق بېلىق تۇتۇشنى بىلمەيمىز، بىزنىڭ بىر جۈپ پەرزەنتىمىز سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا قالسا، ئۇنىڭ بەدىلىگە بىزگە مانجا (بېلىق تورى) بەرسەڭلار» دەپ تەلەپ قىپتۇ. بېلىقچىلار ماقۇل بوپتۇ. بۇ بىر جۈپ بالىنىڭ بىرىسىنىڭ ئىسمى ئالاتولو، يەنە بىرىسىنىڭ ئىسمى چالاتولو ئىكەن. ئالاتولو بىلەن چالاتولو بېلىقچىلار ئارىسىدا چوڭ بوپتۇ. بالاغەتكە يېتىپ ئۆي _ ئوچاقلىق بوپتۇ. كۆپ پەرزەنتلىك بوپتۇ. كېيىنچە ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى دۆڭقوتان (دۆڭقۇتان _ لوپنۇر ناھىيىسىدىكى بىر رايوننىڭ نامى) ئەتراپىغا ماكانلىشىپ، بېلىقچىلىق بىلەن كۈن ئۆتكۈزۈپتۇ. كىشىلەر ئۇلارنى جۇداخ دەپ ئاتىغاچقا، بۇ نام ئۇلارغا سىڭىپ قاپتۇ. تا ھازىرغىچە ئۇلار ئۆزلىرىنى بەزىدە جۇداخ، يەنە بەزىدە «لاي سۇلۇق مانجاچى» (تارىم دەرياسىنىڭ سۇيى دۆڭقوتان ئەتراپىغا كەلگەندە قايلىشىپ ئاققانلىقى ئۈچۈن، بۇ يەردىكى كىشلەر شۇنداق دەپ ئاتالغان. ھازىرمۇ بۇ جايدىكى بەزى كىشىلەر ئۆزلىرىنى ئايرىم ئۇرۇق دەپ ئايرىم «قالۇچى» قەبىلىسى دەپ ئاتىشىدۇ.) دەپ ئاتىشىدىكەن.
← بارلىق تېمىلار ئاپسانىلار