قىپچاق ئەپسانىسى
ئەپسانىلار
ئوغۇزخان ئەرەبىستان تەرەپكە قوشۇن تارتىپ بارغاندا، ئۇنىڭ باتۇرلىرىدىن بىرى جەڭدە ئۆلۈپتۇ. ئۇنىڭ خوتۇنى بولسا ھامىلىدار ئىكەن. ۋاقتى _ سائىتى توشۇپ، بوشىنىشقا بىر خالى جاي تاپالماي، بىر دەرەخنىڭ كاۋىكىغا كىرىپ ئولتۇرۇپ بىر ئوغۇل تۇغۇپتۇ. ئوغۇزخان بۇ ئەھۋالدىن خەۋەر تېپىپ، ئۇ خوتۇننى بالىسى بىلەن ئوردىسىغا ئالدۇرۇپ پەرۋىش قىپتۇ. دەرەخنىڭ ئىچىدە تۇغۇلغانىلىقى ئۈچۈن ئۇ بالىغا «قىپچە» دەپ ئاتايدىكەن. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن«قىپچە» سۆزى «قىپچا» غا ئۆزگىرىپتۇ. بۇ بالا چوڭ بولغاندا لەشكەر قوماندانى قىلىنىپ، خەرز تەرەپكە ئۇرۇشقا ئەۋەتىلىپتۇ. ئۇ تەرەپلەرنى قولغا كىرگۈزۈپ، شۇ جايلاردا يەرلىكلىشىپ قاپتۇ. پۈتۈن قىپچاقلار قەبىلىسى بۇ ئوغۇلنىڭ نەسلىدىن ئىكەن.