UyghurWiki
UyghurWikiئاپسانىلاربۆكۈخان ئەپسانىسى

بۆكۈخان ئەپسانىسى

ئەپسانىلار بۇ ئەپسانە دوساننىڭ «موڭغۇللارنىڭ مەخپىي تارىخى» دېگەن كىتابدىن ئېلىندى. قاراقۇرۇم تاغلىرىدىن ئېقىپ چىقىدىغان توغلا، سېلىنگا دەريالىرىنىڭ قۇيۇلىدىغان جايدا «قۇملانچۇ» دېگەن يەر بار ئىكەن. شۇ يەردە بىر - بىرىگە ياندىشىپ ئۆسكەن ئىككى تۈپ دەرەخ بولۇپ، بۇنىڭ نامى فىستوقا ئىكەن. ئۇ قارىغايغا ئوخشاپ كېتىدىكەن، ئارچىدەك كۆكىرىپ تۇرىدىكەن. يەنە بىرى ياۋا قارىغاي ئىكەن. كۈنلەرنىڭ بىرىدە مانا شۇ ئىككى تۈپ دەرەخنىڭ ئارىسدا ئۇشتۇمتۇتلا بىر كىچىك دۆڭ پەيدا بولۇپ قاپتۇ. كۈن ئۆتكەنسېرى بۇ دۆڭ ئېگىزلەشكە باشلاپتۇ. دۆڭلىنىڭ ئۈستىدە تاڭ ئاتقۇچە شام يورۇپ تۇرىدىكەن، ئۇيغۇرلار دۆڭىنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئېھتىرام بىلدۈرىدىكەن. دۆڭنىڭ ئىچىدىن خۇددى ناخشا ئېيتىقاندەك ئاۋازلار ئاڭلىنىپ تۇرىدىكەن. ھەر كېچە ئەھۋال شۇنداق بولىدىكەن. شام بارغانسېرى چاقناپ، ئوتتۇز قەدەم ئارىلىقنى يورۇتۇپ تۇرىدىغان بوپتۇ... دۆڭدىن ئۇشتۇمتۇت بىر ئىشىك ئېچىلىپتۇ. ئىچىدە خۇددى ئوتاۋغا ئوخشاپ كېتىدىغان بەش ئۆي بولۇپ، ھەر بىر ئۆيگە كۈمۈش سەگەنچۈكلەر ئېسىلغان، سەگەنچۈكنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىردىن ئوغۇل بوۋاق ئولتۇرغان، بوۋاقلارنىڭ ئاغزىدا سۈت ئېمىدىغان ئېمىزگە بار ئىكەن. قەبىلىلەرنىڭ ئاقساقللىرى بۇ ئاجايىپ بوۋاقلارنى كۆرۈپ ئۇلارنىڭ ئالدىغا كېلىشىپ، بوۋاقلارغا قاراپ ھۆرمەت بىلدۈرۈشكەنىكەن. بۇ بەش بوۋاق ئوغۇل ھاۋا بىلەن ئۈچراشقان ھامان ھەركەتلىنىپ ئۆيدىن چىقىشىپتۇ. ئۇيغۇرلار ئۇنىڭغا ئانىلارنى تەيىنلەپ، بوۋاق بالىلارنى ئېمىتكۈزۈپتۇ. ئۇرلارنىڭ تىلى چىققاندا ئۆزلىرىنىڭ ئاتا _ ئانىلىرىنى سۈرۈشتۈرگەن ئىكەن، كىشىلەر ئىككى دەرەخنى كۆرسىتىپتۇ. بەش ئوغۇل دەرەخقە چوقۇنۇشۇپتۇ. دەرەخ ئادەمگە ئوخشاش تىلغا كىرىپ، ئۇلارنىڭ ئەخلاق _ پەزىلەتلىك بولۇپ ئۆسۈشى توغرىسىدا ۋەسىيەت قىلىپ، ئۇلانىڭ مەڭگۈ ياشىشىنى قۇتلىغانىكەن. شۇ يەردىكى كىشىلەر شۇ بەش ئوغۇلغا ئەڭ چوڭىنىڭ ئىسمى شۇڭقار تىكىن، ئىككىنچىسنىڭ ئىسمى قوتۇر تېكىن، ئۈچىنچىسىنىڭ ئىسمى بۇقا تېكىن، تۆتىنچىسىنىڭ ئىسمى ئور تېكىن، بەشىنچىسىنىڭ ئىسمى بۆكۈ تېكىن ئىكەن. ئۇيغۇرلار بۇ ئوغۇللارنى تەڭرى ئاتا قىلغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئىچىدىن بىرىنى خاقان قىلىشنى قارار قىلىشىپتۇ. بۆكەن تېكىن ھەم چىرايلىق، ھەم ئەقىللىق، ھەم تالانتلىق بولۇپ، نۇرغۇن ئەللەرنىڭ تىلىنى بىلىدىكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇيغۇرلار بۆكۈ تېكىن خاقانىلىق تەختىدە ئولتۇرغاندىن كېيىن دۆلەتنى ياخشى ئىدارە قىلغان، ئاھالىسى كۆپەيگەن . تەڭرى بۆكۈخانغا ئۈچ قۇش ئىنئام قىلغانىكەن. بۇ قۇشلار نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ تىللىرىنى مۇكەممەل بىلىدىكەن. بۆكۈخاقان مانا شۇ قاشلارنى ھەر دائىم دۇنيانىڭ تۈرلۈك تەرەپلىرىگە ئەۋەتىپ، ئالەمدىكى ئىشلاردىن خەۋەردار بولۇپ تۇرىدىكەن. كۈنلەرنىڭ بىرىدە كېچىسى بۆكۈخان چېدىر ئىچىدە ياتقاندا بىر ئىلاھى جاننى كۆرۈپتۇ. ئۇ ئىلاھى جان ياش قىز قىياپىتىدە ئايان بوپتۇ. خاقان قورقۇپ يالغاندىن ئۇخلىغان بولۇۋېلىپ، گەپ قىلىشقا پېتىنالماپتۇ. ئىككىنچى كېچىمۇ يەنە شۇنداق ئەھۋال يۈز بېرىپتۇ. ئۈچىنچى كېچىسى بۆكۈخان بۇ ئەھۋالنى باش ۋەزىرگە ئېيتىپ قويۇپ، ئۆزى پەرى قىزغا ئەگىشىپ، «قۇت تاغ» دېگەن تاغنىڭ ئىچىگە بېرىپتۇ. تاڭ ئاتقىچە قىز بىلەن مۇڭدىشىپتۇ. شۇندىن باشلاپ ھەر كېچە شۇنداق سۆھبەت داۋاملىشىپ ئومۇمەن يەتتە يىل ئالتە ئاي يىگىرمە ئىككى كۈن ئۆتۈپ، پەرى قىز بىلەن ۋىدالىشىدىغان چاغدا قىز مۇنداق دەپتۇ: «كۈن چىقىشتىن كۈن پېتىشقىچە پۈتۈن جاھان ساڭا بويسۇنىدۇ. سەن بۇ ۋەزىپىنى ئورۇنلاپ، ئەلنى ياخشى ئىدارە قىلغىن.» بۇ گەپنى قىلىپ بولغاندىن كېيىن پەرى قىز غايىپ بوپتۇ. بۆكۈخاقان قوشۇن باشلاپ، چوڭ ئاكىسى شۇڭقار تىكىنگە بۇيرۇق چۈشۈرۈپ ئۇنى ئۈچيۈزمىڭ قۇشۇن بىلەن موڭغۇل ۋە قىرغىزلار ئېلىگە ماڭغۇزۇپتۇ. ئىككىنچى ئاكىسى قوتۇر تېكىننى يۈزمىڭ قوشۇن بىلەن تاڭغۇتلار ئۈستىگە ماڭغۇزۈپتۇ. ئۈچىنچى ئاكىسى بۇقا تېكىننى ئۆز ئېلىنى ساقلاشقا قالدۇرۇپتۇ. يۈرۈشكە ماڭغان قوشۇنلار نۇرغۇن ئەلنى بويسۇندۇرۇپ، كۆپلىگەن ئەسىرلەرنى ئېلىپ ئۇرخۇن دەرياسىنىڭ بويىغا قايتىپ كەپتۇ. شۇ يەردە «ئوردوبالىق» ئاتلىق بىر شەھەر بىنا قىپتۇ. شۇ چاغدا كۈن چېقىش تەرەپتىكى بارلىق ئەللەرنى پۈتۈنلەي ئۆزىگە ئەل قىلىپ بوپتۇ. شۇنداق قىلىپ بۆكۈخان بىر كېچىسى ئاجايىپ بىر چۈش كۆرۈپتۇ. چۈشىدە ئاق چايان كىيىگەن، ئاق ھاسا تۇتقان بىر ئەر كىشى كۆرۈنۈپتۇ، ئۇ بىر دەستە گۈلنى بۆكۈخاقانغا بېرىپ: «سەن مۇشۇ گۈللەرنى مەڭگۈ ساقلىساڭ ھەممە تەرەپ ساڭا باش ئېگىدۇ» دەپتۇ. بۆكۈخاقاننىڭ بەش ۋەزىرىمۇ خۇددى شۇنداق چۈش كۆرۈپتۇ. ئەتىسى بۆكۈخاقان ھەربىي ھازىرلىققا كىرىشىپ، كۈن پېتىش تەرەپكە قوشۇن ماڭدۇرۇپتۇ. قوشۇنلار تۈركىستانغا يېتىپ كەلگەندە تۈزلەڭ، بۇلاق سۇلىرى شىرىلداپ ئېقىپ تۇرغان بىر يەرنى كۆرۈپتۇ. قوشۇنلار بۆلۈنۈپ جايلارغا بېرىپتۇ. ئون ئىككى يىل ئىچىدە كۆپ ئەللەرنى ئېلىپ، ياۋايى ئادەملەر ياشايدىغان جايغىچە بېرىپتۇ... نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەرنىڭ خانلىرى بۆكۈخاقان بىلەن كۆرۈشۈپتۇ. ئۇلار بۆكۈخاقانغا سوۋغىلار تەقدىم قىلىپ، ھۆرمەت بىلدۈرۈپتۇ. پەقەت ھىندىستاننىڭ خانىنى قوبۇل قىلماپتۇ. باشقا خانلارنى ئىتائەتكە كەلتۈرۈپ، ئۇلارنى ئۆز ئېلىگە قايتۇرۇۋېتىپتۇ. زور غەلىبىنى قولغا كەلتۈرگەن بۆكۈخاقان، بالاساغۇندىن ئۆزى تۇغۇلغان ئېلىگە قايتىپ كەپتۇ.
← بارلىق تېمىلار ئاپسانىلار
بۆكۈخان ئەپسانىسى | UyghurWiki | UyghurWiki