UyghurWiki
UyghurWikiئاپسانىلار«توپاتار غوجام» ھەققىدىكى ئەپسانە

«توپاتار غوجام» ھەققىدىكى ئەپسانە

ئەپسانىلار بۇ ئەپسانە ئالمۇتىدا نەشر قىلىنغان «ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئىجادىيىتى» دېگەن كىتابتىن ئېلىندى. بۇرۇنقى زاماندا داۋانچىڭدىن تەخمىنەن ئاتمىش يول يەردە ئالتە دۆڭلۈك بولۇپ، ئۇنىڭغا دۈگلەك تاشلار دۆۋىلەنگەنىكەن. ئۇ دۆڭلۈككە بۇغدا _ ئۇلا شەھىرىدە غەيرى دىندىكىلەر بىلەن جەڭ قىلىپ ھالاك بولغان «توپاتار غوجام»نىڭ جەسىدى دەپنە قىلىنغان بولۇپ، دۆۋىلەنگەن تاشلار بولسا توپاتار غوجامنىڭ دۈشمەنلەرگە قارىتىپ ئاتقان تاشلىرى ئىكەن. توپاتار غوجام ئاخىرقى نەپسىدە بۇ شەھەرنى قاغاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ شەھەر بىردىن غايىپ بولۇپ، ئۇنىڭ ئورنىغا سۈيى تۇزلۇق ئايدىڭكۆل پەيدا بولغان ئىمىش، شۇڭلاشقا ئەتىيازنىڭ بەزى كېچىلىرى ئاشۇ كۆلنىڭ ئەتراپىدىن ئادەملەرنىڭ مۇڭزارى ۋە مۇزىكا ئاھاڭلىرى ئاڭلىنارمىش.
← بارلىق تېمىلار ئاپسانىلار