UyghurWiki
UyghurWikiئاپسانىلارئاناخىتا ھەققىدە ئەپسانە

ئاناخىتا ھەققىدە ئەپسانە

ئەپسانىلار خۇش قامەت، كەمىرىنى مەھكەم باغلىغان، توغرا سۆز، مەرھەمەتلىك گۈزەل قىز ئەدۋىسورا ئاناخىتا ئىنسانلارغا كۈچ _ قۇدرەت بەخش ئەتكۈچى، سۇنىڭ مول بولۇشىنى تەمىنلىگۈچى مۇقەددەس مەبۈدە ئىكەن، ئۇ بارچە ياۋۇزلۇقنىڭ تىمسالى بولغان ئاجىدا ھاك، دىۋە ۋە سېھىرگەرلەرگە قارشى چىقىپ ئۇلارغا جەڭ ئېلان قىپتۇ. جەڭ ئالدىدىن غەلىبە قازىنىشنى سوراپ مۇقەددەس ھوماغا سېغىنىپتۇ ۋە ئۇنىڭغا: «ئەي، مەرھەمەتلىك زەبەردەست. بەخت ۋە تەلەي تەڭرىسى ھوما! ماڭا مەدەت بەرگىن، ئۈچ ھەيۋەتلىك ئەجدىھا ئۈستىدىن غالىپ چىقاي» دەپ ئىلتىجا قىپتۇ. تەڭرى ئۇنىڭغا مەدەت بېرىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئاناختا ئىنسانلارغا بالايى ئاپەت كەلتۈرگۈچى يەتتە باشلىق يالماۋۇز _ ئاجدىھانى يەر يۈزىدىن پاك - پاكىز يوقىتىپ، ئىنسانلارغا كۈچ - قۇدرەت بەخش ئېتىپتۇ.
← بارلىق تېمىلار ئاپسانىلار