UyghurWiki
UyghurWikiئاپسانىلارنوھنىڭ ئوغلى سام ھەققىدىكى ئەپسانە

نوھنىڭ ئوغلى سام ھەققىدىكى ئەپسانە

ئەپسانىلار سام باشقا ئوغۇللاردىن ئەقىللىق، نادا، پاراسەتلىك ئىكەن. پەيغەمبەرلىكنىڭ ئىچىكى سىرلىرىنىڭ نوھ شۇنىڭ ئۈچۈن سامغا ھاۋالە قىپتۇ. باشقا ئوغلانلىرىنى سامغا ئىتائەت قىلىشقا بۇيرۇپتۇ. ئالەمنىڭ ئاۋاتراق ۋە ئوبدانراقىنى، رۇبئى مەسكۈن (قۇرۇقلۇق) قىسمىنى ھەمدە كىلىماتى مۆتىدىل، ھاۋاسى ياخشىسىنى بۇ پەرزەنتىگە بەخشەندە قىپتۇ. ئەۋلىيا - ئەنبىيا، پەيلاسوپ، ھۆكۈما، سۇلتان ۋە ئەمىرلەرنى سامنىڭ نەسلىدىن قىلغىن، دەپ دۇئا قىپتۇ. سام بەش يۈز يىل ئۆمۈر كۆرۈپتۇ. توققۇز پەرزەنتلىك بوپتۇ. بۇلار ئەرپەھشەت، كيۇمارىس، ئەسۋەب، دېقىن (دقىيانۇس)، لەۋاج، لاد، ئەيلەم،لەدىم ۋە يۇرلار ئىكەن. ئەرپەھشەت پەيغەمبەرلەرنىڭ ھەر بىرىنى بىر تەرەپكە ئەمىر (شاھ) قىپتۇ.ئەۋلادلىرى ئون توققۇز خىل تىل بىلەن سۆزلىشىدىكەن. ئۇلار بابىل، يەمەن، ھەزرىموت، ئۇممان، ئىراقەين (ئىراقى ئەرەب ۋە ئىراقى ئەجەم)، پارىس يەرلىرىدە ۋەتەن تۇتۇپتۇ. بەزىلىرى شەرق ۋە جەنۇپ تەرەپلەرگە بېرىپ ھام ۋە ياپەسنىڭ ئەۋلادلىرى بىلەن ئارىلىىپ كېتىپتۇ. ئۇلار كۆپىيىپ، شەھەر - ئىمارەتلەرنى بىنا قىلىپ ئاۋاتلاشتۇرۇپتۇ.
← بارلىق تېمىلار ئاپسانىلار