UyghurWiki
UyghurWikiئاپسانىلارمەلىكە ئاماننىسا خېنىم رىۋايىتى

مەلىكە ئاماننىسا خېنىم رىۋايىتى

ئەپسانىلار بۇ رىۋايەت مىللەتلەر نەشرىياتى نەشر قىلغان «تارىخىي مۇسقىيۇن» دېگەن كىتابتىن ئېلىندى. سۇلتان ئابدۇرىشىتخاننىڭ خانىشى ئاماننىسا خېنىم ئۆز دەۋرىنىڭ يىگانە شائىرەسى بولۇپ، «دىۋان نەفىسى» (نەفىسى شېئىرلىرى توپلىمى) ناملىق بىر كىتابنى يازغان ئىدى. خەتتاتلىقتا ئۈستۈن ماھارەتكە ئىگە ئىدى. مۇزىكا ئىلمىدىنمۇ شۇنداق كامالەت ئىگىسى ئىدىكى، سۇلتان ئۇنىڭغا تاقەتسىز ئاشىق ۋە ئىختىيارسىز شەيدا بولغان ئىدى: سۇلتان ئۆز ۋەزىر - ئەمىر ۋە لەشكەرلىرى بىلەن پايتەختى يەركەندە ئاتلىنىپ چىقىپ، تارىم دەرياسىنى بويلاپ تەكلىماكان دەشتىگە شىكارغا يۈزلەندى ۋە نەچچە كۈن شۇ ئەتراپتا بولدى. سۇلتاننىڭ كېچىلىرى دېھقانچە ساددە كىيىملەرنى كىيىپ، قونىدىغان ۋە شۇ ئارقىلىق ئەمەلدارلارنىڭ رەئىيەلەرگە زۇلۇم _ سەتەم قىلغانلىقىنى تەكشۈرىدىغان ئادىتى بار ئىدى. بىر كۈنى سۇلتان شۇ يوسۇندا ئەكرەم ئاتلىق بىر مەھرىمى بىلەن بىر خارابە ئۆيگە قونۇچى سۈپىتىدە كىرىدى. بۇ ئۆي مەھمۇت ئاتلىق بىر ئوتۇنچىنىڭ ئۆيى ئىدى. بۇ مەلىكە بولسا شۇ مەھمۇتنىڭ قىزى ئىدى. سۇلتان ئۆينىڭ بۇلۇڭىدا تۇرغان بىر تەمبۇرنى كۆرۈپ قېلىپ مەھمۇتتىن تەمبۇر چېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى. مەھمۇت: «مەن تەمبۇر چېلىشنى بىلمەيمەن، مۇشۇ قىزىمىز ساڭا تەمبۇر ئېلىپ بەر، دەپ خاپا قىلىپ ئالدۇرغان، قىزىم چالىدۇ» دەپ جاۋاب بەردى. سۇلتان: «ئەمسە، قىزىڭىز چېلىپ بەرسۇن» دېدى. مەھمۇت قىزىغا ئەمر قىلدى. قىز تەمبۇرنى ئېلىپ پەنجىگاھ مۇقامىغا شۇنداق چالىدىكى، سۇلتان ھەيران قالدى، بولۇپمۇ قىز ئۆزى يازغان بىر شېئىرنى مۇقامغا سېلىپ ئوقۇغاندا، سۇلتان قىزنىڭ مۇھەببىتىدە كۆيۈپ، بىھۇش بولۇپ كەتتى. بۇ غەزەلنىڭ چۈشۈرگە بېيىتى مۇنداق ئىدى: نەفىسى كېچە - كۈندۈز قىل دۇئا تەڭرى تەقدىسىغە، كى شاھىڭ ھەققىدە قىلماي دۇئا قاتتىق گۇنا قىلدىڭ. غەزەل تامام بولۇشىغا سۇلتان ئالدىراپ: «نەفىسى دېگەن شائىر كىم؟ سىز بۇ غەزەلنى نەدىن ئۆگەنگەن؟» دەپ سورىغان ئىدى. قىز: «خەقنىڭ غەزىلىنىمۇ ياد ئېلىپ ئوقۇمدىكەن، مەن ناۋايى، فۇزۇلى، زەلىلىنىڭ شېئىرلىرىدىن باشقىسىنى ئۇقۇمايمەن، بۇ غەزەل ئۆزەمنىڭ، نەفسى مېنىڭ تەخەللۇسۇم» دەپ جاۋاب بەردى. سۇلتان ئۇنىڭ نەچچە ياشقا كىرگەنلىكىنى سورىدى. ئاتىسى: «ئون ئۈچ ياشقا كىردى» دەپ جاۋاب بەردى. سۇلتان تېخىمۇ ھەيران بولدى. ئاڭغىچە ئاماننىسا خېنىم قوپۇپ، ئۆزى يازغان بىر نەچچە شېئىرىنى ئەكىلىپ كۆرسەتتى. پادىشاھنىڭ بۇ خەتنى شۇنچە كىچىك نارىسىدىنىڭ يازغىنىغا ئىشەنگۈسى كەلمەي: «قېنى ئەمسە، مەن قاراپ تۇراي، بىر شېئىر يېزىپ بېقىڭ» دېگەن ئىدى. قىز دۈۋەت _ قەلەم ۋە قەغەز ئېلىپ كېلىپ تۆۋەندىكى بېيىتنى يازدى: يارەب بۇ بەندە قىلدى ئەجەپ سۆئىزەن ماڭا، گويا بۇ ئۆيگە ئۇندى بۇ ئاخشام تىكەن ماڭا. سۇلتان كۈلۈپ: «ئىشەندىم، مېنى مەسخىرە قىلماڭ» دېدى ۋە مەھرىمى بىلەن تاشقىرىغا چىقىپ: «بىز ھېلى كېلىمىز» دەپ كېتىپ قالدى. ئۇ لەشكەرگاھىغا بېرىپ، ۋەزىر _ ئەمىرلەرگە بولغان ئەھۋالنى بايان قىلدى. بېشىغا تاج كىيىپ، ئۈستىگە دەۋاج ياپتى. دەرھال ئون قوي ۋە شايى - ئەتلەسلەر تەييارلاندى، تۈن يېرىمىدا قىرىق كىشى مەھمۇت ئوتۇنچىنىڭ ئۆيىگە كېلىپ مەقسەتنى بايان قىلدى. پادىشاھ ئۆزىنى ئاشكارا قىلىپ، توي قىلىپ قىزنى نىكاھىغا ئالدى. بۇ مەلىكە يىگىرمە يىل ئابدۇرىشتخاننىڭ نىكاھىدا تۇردى. خۇدايىتائالا بۇ قىزغا شۇنداق ئەقىل _ پاراسەت ئاتا قىلغان ئىدىكى، تەرىپىلەپ ئولتۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق. ئۇ «دىۋان نەفسى» نى يازدى. خوتۇن - قىزلارغا نەسىھەت قىلىش مەزمۇنىدا «ئەخلاقى جەملە» (گۈزەل ئەخلاق) ناملىق بىر كىتابنى يازدى. «شورۇھۇلقۇلۇپ» (قەلبلەر شەرھى) ناملىق بىر رىسالە يازدى. شائىرلىق، نەغمىچىلىك ۋە خەتتاتلىق توغرىسىدا بۇنىڭدەك مەنىلىك كىتاب ئاز. «ئىشرەت ئەنگىز» (شاتلىق قوزغىغۇچى) ناملىق بىر مۇقامنىمۇ بۇ مەلىكە ئىجات قىلغان ئىدى. كۈچلۈك رەشىك يۈزىسىدىن سۇلتان بۇنى ئۆز نامىدا قىلىۋالغان ۋە شۇ بويىچە نەغمىچىلەرگە ئۈگىتىلگەن. بۇ مەلىكە ئوتتۇز تۆت يېشىدا تۇغۇتتا ۋاپات بولغان دېيىلىدۇ. مەلىكە ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن سۇلتان ئۆزىنى ئۆلتۈرگۈدەك ھالەتكە يېتىپ، سەۋدايىلىق كېسىلىگە مۇپتىلا بولدى، سۇلتان ئاخىر يىغلاپ ئالەمدىن ئۆتتى.
← بارلىق تېمىلار ئاپسانىلار