UyghurWiki
UyghurWikiئاپسانىلارھەرخىل ئۇرۇقلانىڭ قوشۇلۇشى ھەققىدىكى رىۋايەت

ھەرخىل ئۇرۇقلانىڭ قوشۇلۇشى ھەققىدىكى رىۋايەت

ئەپسانىلار بۇ رىۋايەت «جۇنامە» دېگەن كىتابتىن ئېلىندى. تۈركلەرنىڭ ئەجدادى ئاشنا ئىشىملىك ئۇرۇق ئىكەن. ئۇلار قوشنا ئەل تەرىپىدىن يوقىتىلىپ، پەقەت پۇتلىرى كېسىۋېتىلگەن بىر ئوغۇل بالا ساق قاپتۇ. ئۇ بىر چىشى بۆرىنىڭ ئورۇقلاندۇرۇشى بىلەن چوڭ بوپتۇ. كېيىن بۆرە بالىدىن ھاملىدار بوپتۇ. ئوغۇل بالا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغاندىن كېيىن، بۆرە ئىدىقۇت دۆلىتىنىڭ شىمالىدىكى تاغقا قېچىپ بېرىپ، شۇ يەردە ئون ئوغۇل تۇغۇپتۇ. ئۇلارنىڭ ھەر بىرىنىڭ ئىسمى بار بولۇپ، ئاشناشىر شۇلاردىن بىرى ئىكەن. ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى بارغانسېرى كۆپىيىپ، نەچچە يۈز ئائىلىلىككە يېتىتۇ. نەچچە ئەسىرلەر ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇلار تاغ غارلىرىدىن چىقىپ جورجانلارغا تەۋە بوپتۇ ۋە ئالتۇن تاغنىڭ كۈنگەي تەرىپىدە ماكانلىشىپتۇ.
← بارلىق تېمىلار ئاپسانىلار