UyghurWiki
UyghurWikiئاپسانىلارياۋا ئۆردەكنىڭ مەيدىسى نېمە ئۈچۈن ئالتۇن رەڭ بولۇپ قالغان؟

ياۋا ئۆردەكنىڭ مەيدىسى نېمە ئۈچۈن ئالتۇن رەڭ بولۇپ قالغان؟

ئەپسانىلار يۇقىرىقى ئىزاھاتقا ئوخشاش. بۇرۇن گۈل - گىياھلار يەلپۈنۈپ تۇرىدىغان بىر تاغدا توشقان بىلەن پاقا سەيلە قىلىپ ئويناۋېتىپ بىر ئالتۇن كۈپنى تېپىۋاپتۇ ئۇلار بۇ كۈپنى تالىشىپ قاپتۇ. ئۇلار مەسلىھەتلىشىپ، مۇسابىقىگە چۈشمەكچى بولۇشۇپتۇ. كېم تېز يۈگۈرۈپ كۈينىڭ ئىچىگە كىرىۋالسا، ئالتۇن كۈپ شۇنىڭ بولىدىغان بوپتۇ. مۇسابىقە جەريانىدا پاقا ئۇتۇۋاپتۇ. توشقان بۇ مۇسابىقىدە پاقىنىڭ ھىيلە ئىشلەتكەنلىكىنى چۈشەنمەپتۇ. شۇڭا ئالتۇن كۈپ پاقىغا تەئەللۇق بوپتۇ. پاقا ئالتۇن كۈپكە ئىگە بولغان بىلەن ئۇنى تاغدىن ئېلىپ چۈشۈشنىڭ ئامالىنى تاپالماي بېشى قېتىپتۇ. دەل شۇ چاغدا بىر ياۋا ئۆردەك ئۇچۇپ كېلىپ ئۇنىڭدىن ھال _ ئەھۋال سوراپتۇ. پاقا ئەۋالنى ياۋا ئۆردەككە سۆزلەپ بېرىپتۇ ۋە ئۇنىڭ ياردەم قىلىشىنى سوراپتۇ. ياۋا ئۆردەك كۈپنى پەسكە چۈشۈرۈپ بېرىشكە ماقۇل بوپتۇ. بىراق يېرىمىغا مەن ئالىمەن دەپ شەرت قويۇپتۇ. پاقا ئامالسىز ماقۇل بوپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ياۋا ئۆردەك ئالتۇن كۈپنى تاغدىن پەسكە ئېلىپ چۈشۈپ، ئىككى پارچە قىپتۇ ۋە يېرىم پارچىسىنى ئېلىپ كېتىپتۇ. ئۆردەك ئالتۇننىڭ ئېزىپ مەيدىسىگە سۈركىۋاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ياۋا ئۆردەكنىڭ مەيدىسى ئالتۇن رەڭ بولۇپ قالغانىكەن.
← بارلىق تېمىلار ئاپسانىلار