ئالانقىۋا ئەپسانىسى
ئەپسانىلار
بۇ ئەپسانە مۇللا مۇسا سايرامنىڭ «تارىخىي ھەمىدى» دېگەن كىتابىدىن ئېلىندى.
موغۇلىستانغا ئوغۇزخان ئەۋلادىدىن يۇلتۇزخان ناملىق بىرى خان بوپتۇ. ئۇنىڭ ئىككى ئوغلى بولۇپ، ھەر ئىككىسى دادىسىنىڭ ئالدىدا ئۆلۈپ كېتىپتۇ. پەقەت بىرىنىڭ بىر ئوغلى بىلەن يەنە بىرىنىڭ بىر قىزى ھايات قاپتۇ. بۇ ئىككىسىنى بىر بىرىگە ئېلىپ بېرىپتۇ. ئۇلاردىن بىر ئوغۇل تۇغۇلۇپتۇ. بۇ ۋاقىتتا يۇلتۇزخان ئۆلۈپتۇ. ئارقىدىن تەۋرە ئوغلىمۇ ئۆلۈپ، ئۇنىڭ خوتۇنىلا قاپتۇ. ئەل _ تەۋەلىرىگە بۇ خوتۇن باش بوپتۇ. بۇ خوتۇننىڭ ئىسمى ئالانقىۋا ئىكەن. ئەرسىز قېلىپ ئەرگە تەگمەي يۈرگەن كۈنلىرىدە، بىر كېچىسى ئاق ئۆينىڭ تۆڭلۈكىدىن قۇياشقا ئوخشاش بىر روشەن نۇر كۆرۈنۈپتۇ ۋە ئۇ نۇر ياش يىگىت سۈرىتىدە بولۇپ، ئالانقىۋاغا مۇھەببەت ئىزھار قىپتۇ. ئالانقىۋاغا خۇشلۇق يېتىپ ھامىلدار بوپتۇ. بۇ ھالنى دكلەتنىڭ ئەربابلىرى، ۋەزىرلىرى بىلىپ قېلىپ، بۇ توغرىلىق نارازىلىق بىلدۈرۈشۈپتۇ. ئانقىۋا بۇ نارازىلىقلارنى ئاڭلاپ، ئۆزىنىڭ ساپ ۋە پاك ئىكەنلىكىنى، پاھىشىدىن خالى ئىكەنلىكىنى، ئۇلارغا چۈشەندۈرۈپ، كېچىسى يۈز بەرگەن «نۇرلۇق سۈرەت ۋەقەسىنى سۆزلەپ بېرىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ۋاقتى - سائىتى توشۇپ، ئالانقىۋا يۇرتتىن يىراق بىر جايدا بىر ئوغۇل تۇغۇپتۇ ۋە ئۇنىڭغا تۇغلۇق تۆمۈرخان دەپ ئات قويۇپتۇ. نۇردىن تۆرەلگەن بۇ ئوغۇلغا ئاللادىن ۋەھى كېلىپ مۇسۇلمان بوپتۇ.»