تۇمارىس ئەپسانىسى
ئەپسانىلار
بۇ ئەپسانە ئىستامبۇلدا نەشر قىلىنغان «بۈيۈك تۈرك يارىخى» دېگەن كىتابتىن ئېلىندى.
كاسپى دېڭىزىنىڭ كۈنچىقىش تەرىپىدە قۇش ئۇچۇپ ئۆتەلمەيدىغان بىپايان چۆل ۋە قىرلارد ماساگىتلار ياشايدىكەن. ئىران پادىشاھى كەيخىسراۋ ئۇلارنىڭ يەرلىرىنى بېسىۋالماقچى بولۇپ، سەپەرگە ئاتلىنىپتۇ...
ئۇ زامانلاردا ماساگىتلارغا تۇمارىس دېگەن ئەقىللىق، دانا بىر ئايال باش بولۇپ تۇرغان ئىكەن. كەيخىسراۋ تۇمارىسنى ھىيلە بىلەن ئۆزىگە بويسۇندۇرماقچى بوپتۇ. ئۇ تۇمارىسنى ھەيلە بىلەن ئۆزىگە بويسۇندۇرماقچى بوپتۇ، ئۇ تۇمارىسنىڭ ئېرىنىڭ ئاللىقاچان ئۆلۈپ كەتكەنلىركىنى ئاڭلىغانىكەن. ئۇنى ئۆزىگە خوتۇن قىلىپ ئېلىش يولى بىلەن ماساگىتلار يېرىگە ئىگە بولۇش پىلانىنى تۈزۈپتۇ. شۇ مەقسەتتە ئۇ، تۇمارىسقا سوۋغىلار بىلەن ئەلچىلەر ئەۋەتىپتۇ. زىرەك تۇمارىس مەككار پادىشاھنىڭ قارانىيىتىنى سېزىپتۇ. پادىشاھقا خوتۇن ئەمەس، بەلكى ماساگىتلار يۇرتى كېرەكلىكىنى بايقاپتۇ ۋە ئەلچىلەرنى قوبۇل قىلماپتۇ. كەيخىسراۋ ھىيلە _ نەيرەڭدىن ئىش چىقىمىغانلىقىنى كۆرۈپ، ئەسلى مەقسىدىنى ئوچۇق ئېيتىپتۇ. ئارىساك دەرياسى تەرەپكە يۈرۈش قىپتۇ. ئۇ كۆپلىگەن سال _ كېمە ياسىتىپ، بىھىساپ قوشۇنى ۋە قورال _ ياراقلىرىنى ئۇنىڭغا قاچىلاپ، دەريانىڭ نېرىقى قىرغىقىغا ئۆتكۈزۈش چارىسىنى قىپتۇ.
تۇمارىس ئۇنىڭ ھەممە ئىشلىرىدىن خەۋەردار ئىكەن، تېزلىك بىلەن ئۇنىڭغا چاپارمەن ئەۋەتىپ شۇ سۆزلەرنى يەتكۈزۈپتۇ: «ھەي، ھىيلىگەر، ماختانچاق پادىشاھ! بۇ نىيىتىڭدىن قايت، چۈنكى بۇ قىلىۋاتقان ئىشلىرىڭدىن ئۆزەڭگە پايدا ياكى زەرەر تېگىشىنى بىلمەيسەن. تېنچ ۋە ئاسايىشلىق بىلەن ئۆز يۇرتۇڭغا ھۆكۈمرانلىق قىل، بىزنىڭ يۇرتىمىزنى ئۆزىمىزگە قويۇپ بەر ئەمما بىز بىلىمىزكى، سەن تېنچلىقنى خالىمايسەن، شۇ سەۋەبلىك ئەگەردە بۇ مەسلىھىتىمىزگە كىرمىسەڭ، ماساگىتلار بىلەن توقۇنۇشۇشنى خالىساڭ، كۆۋرۈك ياسايمەن دەپ ئاۋارە بولۇپ ئولتۇرما. بىزگە ئېيتىساڭ، بىز ساڭا دەخلى قىلماي دەريادىن ئۆتىسەن، ئۇندىن كېيىن يۈزمۇ - يۈ ئۇرۇشماقچى بولساڭ، ئۇنى ئېيت، بۇنىڭغا ھەم بىز رازى، پەقەت نامەرتلىك قىلما!»
بۇ دادىل گەپلەرنى ئىشتىپ، كيخىسراۋ ساراسىمىگە چۈشۈپتۇ، مەخپى سۈرەتتە ئۆز سەركەردىلىرىنى توپلاپتۇ. ئۇلارنى ۋەقەدىن خەۋەردار قىلىش پىكرىگە كەپتۇ... پەقەت تۇمارىسنى ئىرانغا كەلتۈرۈپ جەڭ قىلىش پىكرىگە كەپتۇ... پەقەت قەھرى قاتتىق ۋەزىرى _ لىدىيلىك كرېز بۇ پىكىرگە قارشى چىقىپتۇ، تۇمارىسنىڭ ئېلىددە ئۇرۇش ئېچىشنى تەلەپ قىلىپ، يوليورۇقلار كۆرسىتىپتۇ.
شۇندىن كېيىن كەيخىسراۋ تۇمارىسنىڭ قىرغاقتىن ئۇزاقلىشىشىنى سوراپ، دەريانىڭ تۇمارىس تۇرغان بېتىدە ئۇرۇش قىلىشنى بىلدۈرۈپتۇ. تۇمارىس ۋەدىسىگە تۇرۇپ، ئۈچ كۈنلۈك يول بېسىپ نېرى كېتىپتۇ. كەيخىسراۋ ئۆز قوشۇنى بىلەن دەريادىن ئۆتۈپتۇ.
كەيخىسراۋ دەريانىڭ شۇ قىرغىقىدا سەككىز كۈن يول يۈرۈپتۇ. كېيىن ۋەزىرى كرېزنىڭ مەسلىھىتى بىلەن ماساگىتلارغا قارشى ھىيلە تۇزىقىنى قۇرۇپتۇ؛ نازۇ نېمەت ۋە ئىچكۈلۈكلەرنى تەييارلاپ، ئەڭ يامان ئەسكەرلىرىدىن بىر توپنى ئارقىدا قالدۇرۇپ، ئەڭ ياخشى ئەسكەرلىرى بىلەن ئالدىغا يۈرۈپ كېتىپتۇ. قالدۇرۇپ كەتكەن ئەسكەرلەرگە ھۇجۇم قىلىپ، ئۇلارنى قىرىپ تاشلاپتۇ. كېيىن ماساگىتلار زىياپەت ئۈستىدىن چىقىپ، تەييار نازۇ نېمەت ۋە شاراپلاردىن بېشىنى كۆتەرمەپتۇ. شۇندا ئىران قوشۇنلىرى قايتىپ كېلىپ، ئۇلانىڭ كۆپ قىسمىنى ئۆلتۈرۈپتۇ. بەزىلىرىنى ئەسىر قىلىۋاپتۇ. ئەسىرلەر ئىچىدە ماساگىتلار قوشۇنىغا باش بولۇپ كەلگەن تۇمارىسنىڭ ئوغلى سىپارگانىز ھەم بار ئىكەن.
تۇمارىس بۇ ۋەقەدىن خەۋەردار بولۇپ، كەيخىسراۋغا چاپارمەن ئەۋەتىپتۇ ھەمدە شۇ سۆزلەرنى ئېيتىپتۇ: «ئەي قانخور كەيخىسراۋ! قىلغان ئىشىڭ بىلەن ماختانماي قوي، سەن مېنىڭ ئوغۇلۇمنى يۈزمۇ _ يۈز جەڭدە يەڭگىنىڭ يوق، ئۇنى مەككارلىق بىلەن شاراپ ئىچۈرۈپ قولغا چۈشۈردۈڭ. ئۈزۈمدىن ياسالغان بۇ يارىماس ئىچىملىكنى ئىچكەندىن كېيىن سىزلەرگە ئوخشاش ئادەملەرنىڭ مىڭىسى ئايلىنىپ، ئاغزىدىن شادى كىرىپ، بادى چىقىدۇ. ئەمدى مېنىڭ مەسلىھىتىمگە كىر؛ ئوغلۇمنى ماڭا تاپشۇرۇپ، زىيان - زەخمەتسىز كەلگەن يېرىڭگە قايتىپ كەت. ماساگىت قوشۇنىنىڭ ئۈچتىن بىرىنى قولغا چۈشۈرگىنىڭ بىلەن ئۆزەڭچە كېرىلىپ كەتمە. ئەگەر سۆزۈمگە كىرمىسەڭ ماساگىتلار تەڭرىسى - قۇياش نامى بىلەن قەسەميات قىلىمەنكى، مەن سەندەك ئاچكۆز قانخورنى قان بىلەن سۇغۇرىمەن.»
كەيخىسراۋ ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرىگە قىلچە ئېتىۋار قىلماپتۇ. تۇمارىسنىڭ ئوغلى ياش سىپارگانىز شۇ كۈنى ئەتىسى ھوشىغا كېلىپ، ھەممە ۋەقەلەردىن خەۋەردار بوپتۇ. كىشەندىن بوشىتىشنى كەيخىسراۋدىن يالۋۇرۇپ سوراپتۇ. تەلىپى بىجا كەلتۈرۈلۈپ، قول - ئايىغى كىشەندىن ئازات قىلىنىپتۇ. ئەمما، ئۇ ئۆزى قىلغان خاتاسىغا پۇشايمان يەپ، نومۇس كۈچىدىن ئۆزىنى ئۆزى ئۆلتۈرۈپتۇ.
تۇمارىس كەيخىسراۋاغا نەسىھەتلەر كار قىلمىغانلىغىنى ئاڭلاپتۇ. بارلىق كۈچلىرىنى توپلاپ ئاتلىنىپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بېسىپ بېرىپتۇ. جەڭ باشلىنىپتۇ. ئېيتىشلارغا قارىغاندا كۆچمەنچى ئۇرۇقلار شۇنىڭغىچە مۇنداق قاتتىق جەڭنى زادى كۆرمىگەنىكەن. دەسلەپ ھەر ئىككى تەرەپ قوشۇنى بىر - بىرىگە ئۇدۇلمۇ _ ئۇدۇل تۇرۇپ، يالىرىدىن تىنماي ئوق ياغدۇرۇپتۇ. كېيىن ئوقدانلاردا ئوق تامام بولۇپ ئەسكەرلەر بىر _ بىرى بىلەن ئارىلىشىپ كېتىپتۇ. نەيزىۋازلىق ۋە قىلىچۋازلىق تازا قىزىپتۇ. جەڭ ئىنتايىن ئۇزاق داۋام قىلغان بولسىمۇ، ھېچكىم جەڭ مەيدانىنى تاشلاپ چىقىپ كەتمەپتۇ. ئەڭ ئاخىرقى جەڭدە ماساگىتلار يېڭىپ چىقىپتۇ. ئۇلار ئىران قوشۇنىنىڭ كۆپىنى قىرىپ تاشلاپتۇ. بىر كەم ئوتتۇز يىل پادىشاھلىق تەختىدە دەۋر سۈرگەن كەيخىسراۋنى ئۆلتۈرۈشۈپتۇ.
تۇمارىس جەڭ تۈگىگەندىن كېيىن بىر يوغان قاچىنى قان بىلەن تولدۇرۇشنى، كەيخىسراۋانىڭ مۇردىسىنى ئۆلۈكلەر ئارىسىدىن تېپىپ كەلتۈرۈشنى بۇيرۇپتۇ. كەيخىسراۋانىڭ ئۆلۈكلەر ئارىسىدىن تېپىپ كەلتۈرۈشنى بۇيرۇپتۇ. كەيخىسراۋنىڭ ئۆلۈكى تېپىپ قاچىغا پاتۇرغان ۋە بۇ جەسەتكە قاراپ غەزەپ - نەپرەت بىلەن سېنى جەڭدە ھالاك يېڭىپ چىققان بىر ئايالنى مەككارلىق بىلەن ئوغلىدىن جۇدا قىلىپ، پەرزەنت داغىدا كۆيدۈردۈڭ. سەن ئۆمرۈڭ بويى قانغا تويمىدىڭ. مەن ئىچكەن قەسىمىمگە ئەمەل قىلىپ سېنى قان بىلەن سۇغاردىم. بىراۋنىڭ يۇرتىغا زوراۋانلىق بىلەن باستۇرۇپ كىرگەنلەرنىڭ جازاسى شۇ!»
كەيخىسراۋا ئۆلۈمىنىڭ قىسىسى ئەنە شۇنداق ئىكەن.