سىياۋۇش رىۋايىتى
ئەپسانىلار
بۇ ئەپسانە «تارىخى تابارى» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى.
ئەجەمنىڭ شەرقىدىكى تاركىسىتان يېرى ئەپراسىياپنىڭ ئىختىيارىدا ئىدى. ئەجەم ۋە ئۇنىڭ غەربىدىكى ھىجاز، يەمەن كەيكاۋۇسقا قاراشلىق بولغان، ئىران ۋە توران ئوتتۇرىسىدىكى چېگرا ئامۇ دەريا ئارقىلىق ئايرىلاتتى.
كەيكاۋۇس بىر ئوغۇل كۆردى. ئۇنىڭ نامىنى سىياۋۇش قويدى. پۈتۈن دۇنيادا بۇنىڭدىن چىرايىلىقراق ئوغۇل يوق ئىدى. بۇبالا مەشھۇر سەدركەردە رۇستەم قولىدا تەربىيە كۆردى. يىگىرمە ياشقا تولغاندا ئاتىسى سىياۋۇشنى يېنىغا ئېلىپ كەلدى. كەيكاۋۇر ئۇنىڭ ياخشى ئىشلارغا ۋەئەدەپكە ئۈگەنگەنلىكىدىن خۇشاللاندى. كەيكاۋۇسنىڭ بىر خوتۇنى بار ئىدى. ئۇ موزانداران شاھىنىڭ قىزى ئىدى. بۇ خوتۇن ئىتايىن شوخ ۋە چىرايلىق ئىدى. ئۇ سىياۋۇشنى كۆرۈپ ئۇنىڭغا ئاشىق بولۇپ قالدى. سىياۋۇش ئۆگەي ئانىسىنىڭ تەلىپىنى رەت قىلىپ، مەن ئاتامغا بىۋاپالىق قىلمايمەن، دەپ جاۋاب بەردى. بۇنىڭدىن غەزەپكە كەلگەن ئايال كۆپ ھىيلە - مىكىر ئىشلەتتى، يالغان گەپ تارقىتىپ سىياۋۇشقا تۆھمەت قىلدى. نەتىجىدە ئاتا ئوغلىنى ئۆلۈمگە بۇيرۇماقچى بولدى. ئەمما سىياۋۇشنىڭ ئىلتىماسى ۋە رۇستەمنىڭ مەسلىھىتىگە ئاساسەن ئاتىسى سىياۋۇشنى ئەپراسىياپقا قارشى ئۇرۇشقا ئاتلانغان قوشۇنغا باشلىق قىلىپ ئەۋەتتى. سىياۋۇش تورانغا كېلىپ ئۇرۇش قىلدى، قارشى تەرەپنىڭ كۆپ ئەسكەرلىرىنى ئۆلتۈردى. شۇندىن كېيىن ئەپراسياپ ئىككى كىشىنى ئەۋەتىپ سۇلھى سورىدى.
سىياۋۇش سۇلھى تۈزەشكە قوشۇلدى ۋە بۇ توغرىدا ئاتىسىغا خەۋەر يوللىدى. ئاتىسى سۈلھىگە نارازى بولدى. سىياۋۇش، مەن بىۋاپالىق قىلمايمەن، ئۆز ئەھدىمىدىن قايتىمايمەن، دېدى. ئۇ ئەمدى ئاتىسىنىڭ ئالدىغا بارالمىدى، يا ئۇياققا، بۇياققا ئۆتۈشى كېرەك ئىدى. ئۇ ئەپراسىياپ ئالدىغا باردى. ئەپراسىياپ ئۇنى ياخشى قارشى ئالدى ۋە سىياۋۇشقا ئۆز قىزىنى بەردى. قوشۇن ئىرانغا قايتتى. ئەپراسياپ سىياۋۇشىنىڭ ئەدەپ _ ئەخلاق، مەرتىلىكى ۋە باتۇرلۇقىدىن ئەندىشىگە چۈشتى ۋە بۇ ھەقتە ئۆز ئادەملىرى بىلەن مەسلىھەتلەشتى، ئاخىرى سىياۋۇشنى ئۆلتۈرۈش پىكرىگە كەلدى. سىياۋۇشنىڭ خوتۇنى (ئەپراسىياپىنىڭ قىزى) ھامىلدار ئىدى. ئۇنىڭغا دورا بېرىپ بالىسىنى چۈشۈرۈۋەتمەكچى بولدى. ئەپراسىياپنىڭ فېران دېگەن ۋەزىرى بار ئىدى. ئۇ سىياۋۇش بىلەن ئەپراسىياپ ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن سۇلھىنىڭ تەشەببۇسكارى بولغان ئىدى. فېران ئەپراسىياپنىڭ ھوزۇرىغا كەلدى. سىياۋۇشنىڭ خوتۇنى (ئەپراسىياپنىڭ قىزى) ھامىلدار ئىدى. ئۇنىڭغا دورا بېرىپ بالىسنى چۈشۈرۈۋەتمەكچى بولدى. ئەپراسىياپىنىڭ فېران دېگەن ۋەزىرى بار ئىدى. ئۇ سىياۋۇش بىلەن ئەپراسىياپ ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن سۇلھىنىڭ تەشەببۇسكارى بولغان ئىدى. فېران ئەپراسىياپنىڭ ھوزۇرىغا كەلدى، ئۇنىڭ قىلغان ئىشىنى قارىلىدى. ئۇ : شاھزادە سېنىڭ يېنىڭغا كەلدى، ساڭا خىزمەت قىلدى، يەنە قايسى گۇناھى ئۈچۈن سەن ئۇنى قەتلى ئېتىسەن؟ ئەمدى كەيكاۋۇس ۋە رۇستەم سەندىن ئۇنىڭ خۇنىنى تەلەپ قىلىدۇ. سەن ئۇلاردىن سالامەت قۇتۇلۇپ كېتەلمەيسەن. ئۇلار توراننى ۋەيران قىلىدۇ. ۋاھالەنكى سەن سىياۋۇشنى ئۆلتۈردۈڭ، ئەمدى قىزىڭنى ماڭا تاپشۇر. ئەگەر، ئۇ ئوغۇل تۇغسا شۇ ئوغلنى كەيكاۋۇس ۋە رۇستەمگە ئەۋەتىمەن، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ غەزىپىنى ياندۇرىمەن. دېدى. ئەپراسىياپ قىزىنى قېرانغا تاپشۇردى. لېكىن ئۇ ئوغۇل تۇغقىدەك بولسا، شۇ بالىنىمۇ ئۆلتۈرۈشنى بۇيرۇدى. فېران شاھ قىزىنى ئۆيگە ئېلىپ كېتىپ ساقلىدى، بىر ئاي ئۆتمەستىن ئۇ ئوغۇل تۇغدى. بۇۋاق خۇددى ئاتىسىنىڭ ئۆزى ئىدى. فېراننىڭ بۇ بالىنى ئۆلتۈرۈشكەن كۆڭلى ئۇنىمىدى، ئۇنىڭغا كەيخىسراۋ دەپ ئات قويدى ۋە يوشۇرۇنچە تەربىيىلىدى. ئەپراسىياپقا: «قىزىڭ پەرزەنت كۆردى» دەپ خەۋەر قىلدى، ئەمما ئوغۇل ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمىدى. بىر قانچە ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن ئەپراسياپ: «قىزىڭ نېمە تۇغدى؟» دەپ سورىدى. «ئوغۇل، ئەمما ئۇنى ئۆلتۈرۈشكە كۆڭلۈم ئۇنىمىدى» دەپ جاۋاب بەردى. فېران ئېسىل كىيىملەرنى كىيگۈزۈپ كەيخىسراۋنى ئەپراسىياپ يېنىغا ئېلىپ كەلدى. ئەپراسياپ ئۇنى كۆرگەن ھامان يىغلاشقا باشلىدى ۋە سىياۋۇشنى ئۆلتۈرگىنىگە پۇشايمان قىلىدى. كەيخىسراۋنى ئۆز يېنىغا ئولتۇرغۇدى ۋە ئۇنىڭ يۈزىدىن سۆيدى. فېرانغا: «بۇ بالا چوپانلار ئارىسىدا بولسۇن، چوڭ بولغاندا كىمنىڭ زاتىدىن ئىكەنلىكىنى بىلمىسۇن» دەپ بۇيرۇدى. بالىنى چوپانلار قولىغا تەربىيىلەش ئۈچۈن تاپشۇردى. ئارىدىن يەتتە يىل ئۆتكەندە بىر كۈنى ئەپراسىيا فېراننى ئۆز ھوزۇرىغا چاقىردى ۋە ئۇنىڭغا: «بۈگۈن ھېچ ئۇيقۇم كەلمەيۋاتىدۇ، ھامان ئاشۇ گۆدەكنىڭ ئەندىشىسىنى قىلماقتىمەن. شاھزادە قانداق قىلىپ چوپانلار قولىدا تەربىيىلىنىشى مۇمكىن؟ نېمە راۋا بولسا شۇ بولسۇن، بارغىن، ئۇنى ئېلىپ كەلگىن» دېدى.
فېران كەتتى. ئۇ چوپانلار يېنىغا كەلدى ۋە بالىنى كۆردى. كەيخىسراۋ چاۋگان ئويناۋاتاتتى. فېران ئاتتىن چۈشۈپ پىيادە ئۇنىڭ يېنىغا كەلدى. قۇچاقلاپ باغرىغا باستى، قاتتىق سۆيۈشكە باشلىدى ۋە يىغلاپ سالدى. كەيخىسراۋ ئۇنىڭدىن ئۆزىنى قاچۇراتتى، ئۇ فېرانغا: «ئەي ئاتلىق، سەندە ئۇيات يوقمۇ؟ نېمىشقا چوپان بالىسىنى باغرىڭغا بېسىپ قۇچاقلايسەن؟» دېدى. فېران تەڭلىكتە قالدى ۋە ئۇنىڭغا: «سەن چوپان بالىسى ئەمەسىسەن، شاھزادىسەن» دىدى.
ئۇ بالىنى ئاتقا ئولتۇرغۇزۇپ، يوشۇرۇنچە ئەچراسىياپنىڭ يېنىغا كەلتۈردى. يولدا ئۇنىڭغا ئەپراسىياپنىڭ ئالدىغا كېتىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى، شۇنداقلا ئۇنىڭغا: «بوۋاڭ نېمىنى سورىسا شۇنداق جاۋاب بېرىشىڭ كېرەككى، ئۇ سەندىن قورقدىغان بولمىسۇن» دەپ چۈشەندۈردى. ئۇلار ئەپراسىياپ يېنىغا يېتىپ كېلىشتى. ئەپراسياپ بالىسىنىڭ كامىللىقىدىن ھەيرەتتە قالدى. ئەپراسىياپ فېرانغا: «بالىنى ئېلىپ بېرىپ ئانىسىغا تاپشۇر، ئۇنىڭدىن زادى ئايرىلىمىسۇن» دېدى. فېران ئۇنى ئېلىپ بېرىپ ئانىسىغا تاپشۇردى.
بىر قانچە ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن سىياۋۇشنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىك خەۋىرى كەيكاۋۇسقا بېرىپ يەتتى. ئۇ ئىنتايىن غەزەپلەندى. يىغلاپ نالە قىلدى، ھازا ئېچىپ قارىلىق تۇتتى، بىر نەچچە يىل ئۆتتى، لەشكەر باشلىقلىرى ئىچىدە گۆدەرز دېگەن ئادەم بار ئىدى. بىر كۈنى ئۇ چۈشىدە شۇنداق ئەھۋالنى كۆردى: بىر ئادەم ئۇنىڭغا ئوغلۇڭ گىۋنى تورانغا ئەۋەت، ئۇ بېرىپ كەيخىسراۋنى ئېلىپ كەلسۇن، دېدى.
گۆدەرز بۇ چۈشتىن كەيكاۋۇسنى خەۋەردار قىلدى. كەيكاۋۇس گىۋگە بۇيرۇق بېرىپ، ئۇنى تورانغا ئەۋەتتى، گىۋ يەتتە يىل توراندا بولدى ۋە كەيخىسراۋنى ئىزدەپ تاپتى. ئۇ كەيخىسراۋنى ۋە ئۇنىڭ ئانىسىنى قولغا كىرگۈزۈپ، ئىران تەرەپكە يول ئالدى.
ئەپراسياپ بولغان ئىشلاردىن خەۋەر تېپىپ، ئۈچيۈز مەرت ۋە جەسۇر يىگىتلەرنى فېرانغا بەردى ۋە ئۇلارنى قاچاقلار ئارقىسىدىن ئەۋەتتى. گىۋ ئۇلار بىلەن جەڭ قىلدى. بەزىلىرىنى ئۆلتۈردى، بەزىلىرىنى قېچىشقا مەجبۇر قىلدى. ئۇ فېراننى تۇتىۋالدى ۋە ئۆلتۈرۈشكە قەستلىدى. كەيخىسراۋ فېراننىڭ ئۇنىڭغا كۆپ ياخشىلىقلار قىلغانلىقىنى ئېيتتى ۋە ئۆلتۈرمەسلىكنى سورىدى. گىۋ: «مەن ئۇنىڭ قېنىنى تۆكىمەن دەپ قەسەم ئىچكەن، ئۆلتۈرمىسەم بولمايدۇ» دېدى. كەيخىسراۋ: «ئۇنىڭ بولسا سول قۇلىقىنى كەسكىن، شۇندا قەسىمىڭ ھەم بۇزۇلمايدۇ، فېران ھەم ئامان قالىدۇ» دەپ مەسلىھەت بەردى. گىۋ فېراننىڭ سول قۇلىقىنى كەستى ۋە ئۇنى ئېتىغا باغلاپ قويدى. گىۋ ۋە كەيخىراۋ ئىرانغا _ كەيكاۋۇس ھوزۇرىغا يېتىپ كېلىشتى، كەيكاۋۇسنىڭ بۇيرۇغىغا ئاساسەن، رۇستەم چوڭ قۇشۇنغا باش بولۇپ تۇرانغا يۈرۈش قىلدى، ئەپراسياپنى يېڭىپ قاچۇردى. كۆپ ئەللەردە غازات قىلدى،ئەسىر ۋە ئولجىلارنى قولغا كىرگۈزدى. كەيكاۋۇس بىر يۈز ئەللىك يىل ياشىغاندىن كېيىن ۋاپات بولدى.