UyghurWiki
UyghurWikiئاپسانىلارئىسكەندەر رىۋايىتى

ئىسكەندەر رىۋايىتى

ئەپسانىلار «تارىخى تابارى» دا ئىسكەندەرنىڭ زولقەرنەيىن لەقەبى توغرىسىدا تۆۋەندىكىدەك نەقىل بار: دۇنيانىڭ كۈن چىقىدىغان ۋە كۈن پاتىدىغان تەرەپلىرى «قەرن» دەپ ئاتالغان. ئىسكەندەر دۇنيانىڭ ئۇ بېشىدىن بۇ بېشىغىچە ھەممە يەرنى ئۆز قول ئاستىغا كىرگۈزگەن. شۇ سەۋەبتىن ئۇنى «زولقەرنەيىن» (ئەرەپ تىلىدا زول _ ئىگە، قەرن - تەرەپ تامان، دۇنيانىڭ ھەر ئىككى ئۈچى. ئەيىن بولسا ئىككىلىك قوشۇمچىسى)، يەنى «ئىككىلا تەرەپ (تامان) نىڭ ئىگىسى» دەپ ئاتالغان. ئىران شاھى دارا تەختكە ئولتۇرغاندىن كېيىن پۈتۈن جاھان ئۇنىڭغا تەۋەر بولدى. ھەممە مەملىكەتلەر ئۇنىڭغا خىراج ئەۋەتىپ بەردى. دارا ئاتىسىغا ئوخشاش ئىراقتا _ بابىلدا تۇراتتى. يۇنان ھۆكۈمرانى فەيلاقۇس ھەم ئۇنىڭغا خىراج ئەۋەتىپ تۇراتتى. فەيلاقۇس ئۆلگەندىن كېيىن ئورنىغا ئىسكەندەر يۇنان تەختىگە ئولتۇردى. بەھمان يۇنان مۈلكىگە بىر مەھەل يۈرۈش قىلغان ئىدى. سۇلھى بولغاندىن كېيىن بىر يۇنان قىزىغا ئۆيلەنگەن ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىر كېچە ياشىغان ئىدى. كېيىن ئۇ قىزنى قايتۇرۇپ ئاتىسىنىڭ يېنىغا ئەۋەتكەن. بەھماندىن ھامىلە بولغان بۇ ئايال توققۇز ئايدىن كېيىن، بەخت _ سائادەتتە ئوغۇل تۇغقان ئىدى. ياش ئىسكەندەرنى يۇنان ھۆكۈمرانى فەيلاقۇس تەربىيىلەپ ئۆستۈرگەن. ئۇنىڭ بەھماننىڭ ئوغلى ئىكەنلىكىنى ھېچكىم بىلمەس ئىدى. شۇ سەۋەبتىن ھەممە كىشى ئىسكەندەر بىن فەيلاقۇس دەيتتى. ئىسكەندەر تەختكە ئولتۇرغان يىلى داراغا يەنە تۆلەم (خىراج) ئەۋەتتى. يۇنان مۈلكى زەنگىلەر مەملىكىتى بىلەن يېقىن ئىدى. ئىسكەندەر ئاشۇ يۇرتقا يۈرۈش قىلدى ۋە ئۇنى يېڭىپ قايتۇرۇۋالدى. دارا ئىنتايىن زالىم پادىشاھ بولغاچقا، خەلق ئۇنى يامان كۆرەتتى ۋە ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇش يولىنى ئىزلەيتتى. دارا ئىسكەندەرنىڭ كۈچىدىن ئەندىشە قىلاتتى. ئىسكەندەر بولسا خەلقنىڭ داراغا دۈشمەن ئىكەنلىكىدىن پايدىلىنىپ، ئەجەم مۈلكىنىڭ تەختىنى قولغا كىرگۈزۈشنى ئويلايدۇ، ئۇ داراغا تۆلەم تۆلەشنى پۈتۈنلەي توختىتىپ قويىدۇ. دارا ئىسكەندەرگە ئەلچىلەر ئەۋەتىپ: «ئاتاڭ مېنىڭ ئاتامغا ھەم ماڭا خىراج تۆلىگەن ئىدى. سەن ئۇنىڭدىن چوڭ ئەمەسسەن» دەپ ئىسكەندەردىن خىراج (تۆلەم) تەلەپ قىلىدۇ. ئىسكەندەر دارانىڭ ئەلچىسىگە: «ئالتۇن تۇخۇم تۇغىدىغان قۇشلار ئۇچۇپ كەتكەن، بېرىپ ئېيت، دارا ئۇلارنى قايتۇرۇپ بەرسۇن» دەيدۇ. ئەلچىلەر كېلىپ داراغا بۇ خەۋەرنى ئېيتىشىدۇ. دارا لەشكەرلىرىنى ئۇرۇشقا تەييارلاپ، يەنە ئىسكەندەر ھوزۇرىغا ئەلچىلەر يوللايدۇ. ئۇلار ئارقىلىق ئىسكەندەرگە: «توۋا قىل ۋە خىراج ئەۋەت، بولمىسا ئۇرۇشقا تەييار تۇر» دەيدۇ. ئىسكەندەر كىنايىلىك ئىبارىلەر بىلەن ئۇنى رەت قىلىدۇ. دارا، ئىسكەندەر لەشكىرى بىر _ بىرىگە قاراپ ئاتلىنىدۇ. جەزىرائى ئىراق دېگەن جايدا (مەۋسول يېنىدا، ئىراق ۋە سۈرىيە ئوتتۇرىسىدا) ئۇلار ئۇچرىشىدۇ. دارا لەشكەرلىرىدىن كۆپلىرى ئىسكەندەر تەرەپكە قېچىپ ئۆتىدۇ. ئىسكەندەر ئۇلاردىن: «دارانىڭ يېقىنلىرى كىملەر» دەپ سورايدۇ. ئۇلار: «ئىككى ھاجىپ، ئەمما ھەر ئىككىسى دارانىڭ زالىملىقى ۋە جاۋاپكارلىقى تۈپەيلىدىن ئۇنىڭغا دۈشمەندۇر» دەيدۇ. ئىسكەندەر ئاشۇ شەخسلەرگە سوۋغىلار ئەۋەتىدۇ، يوشۇرۇنچە ئۇلار بىلەن دارانى ئۆلتۈرۈش توغرىسىدا مەسلىھەتلىشىدۇ. ئۇلار بىلەن دارانى ئۆلتۈرۈش توغرىسىدا مەسلىھەتلىشىدۇ. ئۇلار جەڭ باشلىنىشى بىلەن دارانى قىلىچ بىلەن چېپىپ ئۆلتۈرىمىز، دەيدۇ. جەڭ باشلىنىدۇ، ھەر ئىككى تەرەپتىن كۆپ ئادەم قىرىلىدۇ. ئىسكەندەر قورقۇپ ئۇرۇشنى توختىتىدۇ. قوشۇنلار ئۆز ئورنىغا قايتىشىدۇ. ھاجىپلار ئاشۇ كۈنى دارانى تاپالمايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنى ئۆلتۈرەلمەيدۇ. ئىسكەندەر، ئۇلار ئۆز ئەھدىدىن پۇشايمان يىگەن بولسا كېرەك، دەپ ئويلايدۇ. دارا ئىسكەندەر لەشكىرىدىن قورققان ئىدى. ئەمما ئەتىسى يەنە جەڭ باشلايدۇ. بۇ ئىسكەندەر ئۈچۈن كۈتۈلمىگەن ھال ئىدى. ئۇ چېكىنمەكچى بولىدۇ، ئەمما ئۇنىڭ قوشۇنى جەڭگە كىرىشكەن پەيتتە ھاجىپلار دارانىڭ ئارقىسىدىن كېلىپ نەيزە بىلەن شۇنداق ئۈردىلەركى، نەيزە يەنە بىر تەرىپدىن تېشىپ چىقىدۇ. دارا ئارقىسىغا يىقىلىدۇ. ھاجىپلار ئىسكەندەرنىڭ لەشكەر لاگىرىغا بېرىپ ئىسكەندەرگە: دارانى ئاتتىن يىقىتتۇق، ئۇنىڭ لەشكىرى قېچىشقا باشلىدى، دەيدۇ. ئىسكەندەر بېرىپ دارانى كۆردى، ئۇ توپىغا مىلىنىپ ياتاتتى، ئۇنىڭدىن توختاۋسىز قان ئېقىپ تۇراتتى. ئىسكەندەر ئاتتىن چۈشىدۇ، دارانىڭ بېشىنى باغرىغا ئېلىپ، قاندىن تازىلايدۇ ۋە سورايدۇ: «ئەي، شاھ! سېنى شۇ ئەھۋالدا كۆرۈشنى خالىماس ئىدىم، ئەمما بۇنى مەن قىلمىدىم، ئۆز ئادەملىرىڭ مەن ئۇنىڭ ئىجراچىسى بولىمەن.» دارا كۆزىنى ئاچتى ۋە: «مېنىڭ سەندە ئۈچ ھاجىتىم بار، بىرىنچىسى، قېنىم باتىل كەتمىسۇن، ئىككىنچىسى، مېنىڭ قىزىمغا ئۆيلەنگىن، ئۈچىنچىسى، ئەجەم لەشكەرلىرىگە ياخشى قارىغىن، ئۇلارنى خالىمىغىن» دېدى. ئىسكەندەر: «ھەممە ھاجىتىڭنى بېجىرىمەن» دېدى. داراۋەسىيىتىنى ئېيتىپ بولۇشى بىلەن تەڭ جان ئۈزدى. ئىسكەندەر ئۇنىڭغا ماتەم تەزىيىسىنى ئورنىغا قويدى. ئەتىسى شاھلىق تەختىگە ئولتۇردى. دارانىڭ يۈزمىڭلاپ ئەسكىرىگە ئادالەت كۆرسەتتى. ھەر ئىككىلا ھاجىپنى چاقىرىپ، ئالدىن ۋەدە قىلغان سوۋغىلىرىنى بەردى ۋە «مەن سىزلەرگە سوۋغا ۋەدە قىلغان ئىدىم. ئۇلارنى بەردىم. ئەمما سىزلەرنى ئۆلتۈرمەيمەن، دەپ شەرت قىلمىغان ئىدىم، ھازىرچە سىياسەت سىزلەرنى تىرىك قالدۇرۇشنى تەقەززا قىلمايدۇ. سىلەر ئۆز پادىشاھىڭلارغا خىيانەت قىلدىڭلار. پادىشاھنىڭ قېنى باتىل كەتمەسلىكى كېرەك، ئۇ شۇنداق دەپ ۋەسىيەت قىلغان» دېدى. ۋە ھەر ئىككىلا ھاجىپنى قەتلى ئەتتى. ئىسكەندەر دارانىڭ قىزىغا ئۆيلەندى. ئەجەم لەشكەرلىرىدىن بىرەر كىشىمۇ ئەسىر قىلمىدى. ئەجەم تەرجىمانلىرىنى چاقىرتتى ۋە ئۇلارنىڭ ھۆكۈمالىرى يازغان نەرسىلەرنى يۇنان تىلىغا تەرجىمە قىلىسىلەر دەپ، يۇنانغا _ ئارىستوتىل ھوزۇرىغا ئەۋەتتى، ھەر شەھەرنىڭ ھاكىملىرىنى ئۆز ئورنىدا قالدۇردى. ئۇلار ئىسكەندەردىن كېيىن تۆت يۈز يىل ھۆكۈم سۈردى. ئۇلارنى مۈلكى تاۋايىق دەپ ئاتايتتى. ئەر دەشىر بوبېك چىقىپ ئەجەمنى ئۇلارنىڭ قولىدىن ئالغاندىن كېيىن، ئۇ ھۆكۈمران بولدى. ئىسكەندەر ئەجەمدىن چىقىپ بەلخ تەرەپكە يول ئالدى. دارانىڭ قىزىنى يۇنانغا ئەۋەتتى، ئىسپىھان شەھىرىنى بىنا قىلدى. ماۋرە ئۇننەھىرنىڭ شىمالىدا ۋە خوراساندا ھىرات، مەرۋىھ، سەمەرقەنت شەھەرلىرىنى بىنا قىلدى. ئۇ يەردە يېڭى شەھەر قۇردى ۋە ئاشۇ يەردە تەختكە ئولتۇردى. كېيىن مەغرىپكە يۈردى. زۇلمەت مەملىكىتىگە يەتتى. زۇلمەت ئارىسىدا ھايات بۇلىقى بار، كىم ئۇنىڭ سۈيىدىن ئىچسە، ئۇ ھېچقاچان ئۆلمەيدۇ، دەپ ئاڭلىغان ئىدى، تۆت يۈز ئەسكىرى بىلەن زۇلمەت ئارىسىغا چۈشتى ۋە يەتمىش كۈن يۈرۈپ ھېچنەرسە تاپالماستىن قايتتى. كېيىن ئىرانغا كەلدى، شۇندىن كېيىن ئىسكەندەر ۋاپات بولدى.
← بارلىق تېمىلار ئاپسانىلار