بۈبى رابىيە رىۋايىتى.
ئەپسانىلار
يۇقرىقى ژورنالىدىن ئېلىندى.
پامىرنىڭ شەرقىي ئىتىكىدە ھاۋاسى ساپ، تەبىئىي مەنزىرىسى گۈزەل بىر جاي بار بولۇپ، ئۇ يەرنىڭ نامى ئوپال (opal) ئىكەن، ئوپالنىڭ غەربىي شىمالىدىكى سۈزۈك چەشمە بۇلاق بويىدا «ئازىق» (aziol) دېگەن بىر خاسىيەتلىك جاي بار بولۇپ، ئۇنى كىشىلەر «ئازىق دارىسى» دەپ ئاتايدىكەن، بۇ يەردە بۈبى رابىيە ئىسىملىك ئىنتايىن ئەقىللىق، دانە ۋە ئوقۇمۇشلۇق بىر قىز بار ئىكەن. كۈنلەرنىڭ بىرىدە بۇ دانىشمەن قىز دادىسى خوجا سەيپىدىن بىلەن ئوي چولپاندىكى بېغىدا ئانار ئۈزۈپ يۈرگىنىدە، شىكاردىن قايتقان قارا خانلارنىڭ خان جەمەتىدىن ھۈسەيىن ئاتىلىق زاتنىڭ ئۇ قىزغا كۆزى چۈشۈپ قاپتۇ ۋە شۇ ھامان ئۇنىڭ يۈرىكىگە ئوت تۇتىشىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ھۈسەيىن يېنىدىكى بىر خىزمەتچىسىنى بۇ ساھىپجامال قىزىنىڭ يېنىغا «ئۇسسىلىق سۇ سوراپ كەل» دەپ ئەۋەتىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بۈبى رابىيە سۇ ئورنىغا بىر قانچە ئانارنى بىر قاچىغا سىقىپ بېرىپتۇ، ھۈسەيىن بۇ ئانار سۈيىنى ئىچىپ ناھايىتى راھەت ھېس قىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ھۈسەيىن بۇ يۇرتقا «ئانار سېلىقى» ساپتۇ ھەمدە بۇنىڭدىن كېيىن سۇ ئورنىغا ئانار شەربىتى ئىچىش نىيىتىگە كەپتۇ. بۇنداق قىلىشنىڭ پۇقراغا زۇلۇم سېلىش ئىكەنلىكىنى چۈشەنگەن بۈبى رابىيە ھۈسەيىنگە دەرھال كىشى ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ ناتوغرا پىكرىنى رەت قىلىپ تەنبىھ بېرىپتۇ، ھۈسەيىن ئاخىرى ئوردىغا قايتىپ كېلىپ، بۈبى رابىيەگە ئەلچى ئەۋەتىپ، مەقسىدىنى ئېيتىپتۇ. شۇندا ئەقىللىق رابىيە ھۈسەيىننىڭ قايسى ئىلىم _ ھۈنەرنى بىلىدىغانلىقىنى سوراپ، ئۇنى توي قىلىشنىڭ ئاساسىي شەرتى قىلىپ قويۇپتۇ ۋە ھۈسەيىننىڭمۇ ئۆزىگە ئوخشاش ئىلىم _ ھۈنەرگە ھېرىسمەن ئوقۇمۇشلۇق كىشى ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىشقا رازى بوپتۇ. بۈبى چاغلاردا دۆلەت ئىشى بىلەن ئانچە كارى بولماي يۈرگەنلىكىنى سېزىپ ئۇنىڭغا: «بېشىڭىزدىكى تەۋەڭ سىڭايان بولۇپ، نان ئۆڭتۈرۈلۈپ كېتەي دەۋاتىدۇ» دېگەن ئاېگورىيە ئارقىلىق ئۇنىڭغا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپتۇ ھەمدە ھۈسەيىنگە ئىلىم _ ھۈنەر ئۆگىنىش، پۇقرانىڭ دەردى _ ئەھۋالىغا يېتىش توغرىسىدا داۋاملىق تەربىيە بېرىپتۇ. بۇنىڭدىن تەسىرلەنگەن ھۈسەيىن خەلقنىڭ ئەھۋالىنى بىلىش ئۈچۈن ھەر دائىم پۇقراچە ياسىنىپ، شەھەر - قىشلارقلارنى ئارىلاپ يۈرگەن كۈنلىرىنىڭ بىرىدە، ياخشىلارغا قەست قىلغۇچى يامان ئادەملەرنىڭ دامىغا چۈشۈپ قاپتۇ. لېكىن بۈبى رابىيەنىڭ تەشەببۇسى بىلەن ئۆگەنگەن ھەر خىل ئىلىم _ ھۈنەرلىرىنىڭ شاپائىتى ئارقىسىدا يامانلارنىڭ دامىدىن قۇتۇلۇپ چىقىپتۇ. شۇنىڭدىن بىر يىل ئۆتۈپ بۈبى رابىيە مەھمۇت ئىسىملىك رۇستەمدەك بەستلىك بىر ئوغۇل تۇغۇپتۇ. بۈبى رابىيە زېرەك، پاراسەتلىك ۋە دانا ئايال بولغاچقا، ھۈسەيىنمۇ ئۆز بېشىدىن ئۆتكەن ئاچچىق ساۋاقلار ئارقىلىق ئىلىم _ ھۈنەرنىڭ قەدرىگە يەتكەچكە، بالىسى مەھمۇتنى كىچىكىدىنلا ئىلىم _ھۈنەرگە ھەۋەسكار قىلىپ تەربىيىلەپتۇ. مەھمۇت بالا چېغىدا ئۆيدە، كېيىن قەشقەردە ھۈسەيىن ئىبنى خەلەف كاشىغەرى(شەيىخ ئىمام زاھىد ھۈسەيىن بىن خەلەف كاشىغەرى ھەققىدە «تۈركى تىللار دىۋانى» ئۇيغۇرچە بىرنچى توم 456 - بەتتىكى مەلۇماتلارغا قاراپ. بۇ زاتنىڭ مازىرى قەشقەر شەھىرىنىڭ يېنىدىكى قازىرىق دېگەن جايدا ئىكەنلىگى مەلۇم.) قاتارلىق ئۆز دەۋرىنىڭ ئاتاقلىق ئالىملىرىدىن ئۆگىنىپ، شۇ دەۋرىنىڭ يېتۈك ئالىمى بولۇپ يېتىشكەنىكەن.