UyghurWiki
UyghurWikiئاپسانىلارئوغۇزخان ئەپسانىسى

ئوغۇزخان ئەپسانىسى

ئەپسانىلار بۇ ئەپسانە مىللەتلەر نەشرىياتى نەشر قىلغان «ئوغۇزنامە» دېگەن كىتابتىن ئېلىندى. 1980 - يىل نەشرى. ئوغۇزخان بىر يەردە تەڭرىگە سېغىنىۋاتقاندا، ئەتراپ قاراڭغۇلىشىپ ئاسماندىن بىر كۆك يورۇق چۈشۈپتۇ. ئۇ كۈندىنمۇ نۇرلۇقراق، ئايدىنمۇ يورۇقراق ئىكەن. ئوغۇز خاقان ئۇنىڭ يېنىغا بېرىپ قارىسا، بورۇقنىڭ ئىچىدە بىر قىز تەنھا ئولتۇرۇپتۇ. ئۇ ساھىبجامال بىر قىز ئىكەن. ئۇنىڭ پىشانىسىدا چوغدەك پارقىراپ مېڭى بولۇپ، خۇددى تۆمۈر قوزۇققا ئوخشايدىكەن. ئۇ قىز شۇنداق گۈزەل ئىكەنكى، ئۇ كۈلسە تەڭرىمۇ كۈلەر ئىكەن، ئۇ يىغلىسا تەڭرىمۇ يىغلار ئىكەن. ئوغۇز خاقان ئۇنى كۆرگىنىدە پۈتۈن بەدىنىنى تىترەك بېسىپ ھوشىدىن كېتىپتۇ. ئۇنىڭغا كۆيۈپ قاپتۇ. ئۇنى ئاپتۇ. ئۇنىڭ بىلەن يېتىپتۇ. تىلىكىگە يېتىپتۇ، ئۇنىڭ كۆزى يورۇپتۇ، ئۈچ ئوغول تۇغۇپتۇ. تۈنجىسىغا كۈن، ئوتتۇرانچىسىغا ئاي، كەنجىسىگە يۇلتۇز دەپ ئات قويۇپتۇ.
← بارلىق تېمىلار ئاپسانىلار