UyghurWiki
UyghurWikiئاپسانىلارسادىر پالۋان ھەققىدە رىۋايەت

سادىر پالۋان ھەققىدە رىۋايەت

ئەپسانىلار سادىر پالۋان دۈشمەنلىرى بىلەن بولغان كۈرەشتە زادى يېڭىلمەپتۇ. مانجۇ چېرىكلىرىمۇ ئۇنىڭ ئېتىنى ئاڭلىسا دىر - دىر تىترەيدىكەن. رىۋايەتلەردە ئېيتىلىشىچە، ئۇ ئۆمرىدە دۈشمەنلىرى تەرىپىدىن يەتتە قېتىم تۇتۇلۇپ، زىندانغا تاشلانغان ئىكەن. لېكىن، ئۇ ئۆزىنىڭ جاسارىتى ۋە پەم - پاراسىتى ھەم يولداشلىرىنىڭ ياردىمى بىلەن بىر ئامال قىلىپ زىنداندىن قېچىپ چىقىپ، كۈرەشنى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرغان ئىكەن. ھۆكۈمران گۇرۇھ سادىرنى «كۆزگە قادالغان مىخ» دەپ بىلىپ، ئۇنى يوقىتىشقا كۆپ ھەركەت قىلغان بولسىمۇ، لېكىن يوقىتىشقا ئامالسىز قالغاچقا، دۈشمەنلىرىنىڭ يۈرىكى خۇن بولۇپ كېتىپتۇ. سادىرنىڭ يەتمىش ئۈچ يېشىدا ئۆز ئەجىلى بىلەن قازا تاپقانلىقىدىن خەۋەر تاپقان جاڭجۇڭ، ئۆز ئەمەلدارلىرىنى باشلاپ ئۇنىڭ قەۋرىسىگە بېرىپ، ھەر بىر قەۋرىگە يۈزدىن دەررە ئۇرۇپ «ئۆچ» ىنى ئالغانىكەن. يېقىن كۈنلەرگىچە سادىرنىڭ قەۋرىسىدە دەررىنىڭ ئىزلىرى ساقلانغانمىش.
← بارلىق تېمىلار ئاپسانىلار
سادىر پالۋان ھەققىدە رىۋايەت | UyghurWiki | UyghurWiki