شەھىرى كېتىك رىۋايىتى
ئەپسانىلار
بۇ رىۋايەت شىنجاڭ داشۆدە بېسىلغان «خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى نەزەرىيىسى» دېگەن كىتابتىن ئېلىندى.
شەھىرى كېتىپك قۇم ئاستىدا قالغاندىن كېيىن، قۇم ئاپىتىدىن ئامان قالغان خالايىق ئايدىڭكۆل ۋە كۈسەندە كۈن ئۆتكۈزۈشكە باشلىدى. يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئەردەۋىلدە قۇرغاقچىلىق بالاسى يۈز بەردى، ئاچارچىلىق ئازابى جانغا سانچىلدى. كۈسەن خەلقى توپلىنىپ ئەردەۋىلگە يېتىپ كەلدى. ئۇ يەردىكى خالايىق بىلەن بىللە سۇ بوغۇزىغا كەلدى، قارىغۇدەك بولسا دەريا سۈيى ناھايىتى پەسكە چۈشۈپ كېتىپتۇ. شەھەرگە سۇ چىقىرىشنىڭ مۇمكىنچىلىكى يىراق، ئاخىرى ھەممە خالايىق تاش _تۇپراق توپلاپ دەرياغا تاشلاشقا باشلىدى. ئىككى تاغنىڭ ئارىسى سۇغا لىق تولدى، دەريا بۆلۈنۈپ ئەر دەۋىل تەرەپكە ئاقتى، سۇنىڭ مەۋجىدە بىر موللا بىلەن بىر موغۇل ئېقىن كەتتى، خەلقنىڭ پېشىۋاسى خالايىققا قاراپ: «موللىنى تۇتۇۋېلىڭلار، موغۇل ئاقسۇن» دېدى. شۇنىڭدىن باشلاپ بۇ يەر «ئاقسۇن» دەپ ئاتالدى. كېيىن ئاستا - ئاستا «ئاقسۇ» دەپ ئاتىلىدىغان بولدى.