UyghurWiki
UyghurWikiئاپسانىلارشەھىرى كەتەك ئەپسانىسى

شەھىرى كەتەك ئەپسانىسى

ئەپسانىلار كەتەك - كېتىك دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ ھازىرقى مارالبېشىغا توغرا كېلىدۇ. قاچاندۇر بىر مەزگىلىدە كەتەك شەھىرىدە جالالىدىن دېگەن كىشى ياشىغان ئىكەن. ئۇ بۇخاراغا بېرىپ ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن ئۆز يۇرتىغا قايتىپ كەپتۇ - دە، ئىسلام دىنىنى تەرغىپ قىلىشقا باشلاپتۇ. بۇ مەزگىلىدە كەتەك ئاھالىسى بۇتپەرەس بولغاچقا، ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىشقا زادى كۆنمەپتۇ. بۇنىڭدىن دىلى رەنجىگەن جالالىدىن موللا بىر كۈنى يۇرتداشلىرىنى راسا قاغاپتۇ. ئۇ تىلى ئۆتكۈر «ئەۋلىيا» كىشى بولغاچقا، شۇ زامان ئۇنىڭغا خۇدادىن:«ئى، كەتەكلىك موللا، دۇئايىڭنى ئىجاۋەت قىلدىم. سەن بۈگۈن كېچە شەھەرنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى مۇنارنىڭ قېشىغا بېرىپ، ئۇنىڭ ئەتراپىدا تاڭ ئاتقىچە چۆرگىلىگىن. ئەتە مېنىڭ كارامىتىمنى كۆرسەن» دېگەن ۋەھى كەپتۇ. جالالىدىن كەتەكى شۇ كېچىسى مۇنازنى چۆرگىلەپ چىقانمىش، ئەتىگەنلىكى ئۇ ئۆزى كېچىچە ئايلىنىپ چىققان مۇناردىن باشقا پۈتكۈل شەھەرنىڭ قۇم ئاستىدا قالغانلىقىنى كۆرۈپتۇ. شەھەرنىڭ خەلقى ھالاك بولۇپ، پەقەت ئۆزىلا ئامان قالغانمىش. شۇنىڭدىن كېيىن جالالىدىن موللا ئاقسۇغا بېرىپ، ئۇ يەردىكى ئاھالىگە ئىسلام دىنىنى ئاسانلا قوبۇل قىلغۇزغانمىش.
← بارلىق تېمىلار ئاپسانىلار